ئەمدى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئامازوننىڭ ئادەمسىز ئايروپىلاندا مال توشۇيدىغانلىقىغا ھەيران قېلىشىنىڭ ئورنى قالمىدى، چۈنكى تاۋباۋ تورىمۇ ئادەمسىز ئايروپىلاندا مال توشۇشنى باشلايدىغان بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، تاۋباۋ تورى تۆتىنچى فېۋرالدىن ئالتىنچى فېۋرالغىچە ئۈچ كۈن بەلگىلەنگەن رايونلاردا ئادەمسىز ئايروپىلاندا مال توشۇشنى سىناق قىلىدىكەن، ئۇنداقتا بۇ بەلگىلەنگەن رايونلار زادى قەيەرلەر ؟ تاۋباۋ تورى ئېلان قىلغان ئاخباراتتا ئېيتىلىشىچە بۇ بەلگىلەنگەن رايونلار بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە گۇاڭجۇدىكى بىر قىسىم رايونلار بولىدىكەن. ئادەمسىز ئايروپىلاندا مال توشۇسا مالنى زاكاس قىلىشتىن تاپشۇرۇپ ئېلىشقىچە بىر سائەت ۋاقىت كېتىدىكەن
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved