ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1- مايدىن باشلاپ پىششىق ماي باھاسىدا يازلىق زىچلىق قىممىتى ئىجرا قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن ھەر لىتىر 93-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ باھاسى توققۇز پۇڭ تۆۋەنلەپ، 6.07 يۈەنگە چۈشتى. 97- نومۇرلۇق بېنزىن ۋە 0- نومۇرلۇق سەنەركىنىڭ باھاسىمۇ ئوخشاشلا توققۇز پۇڭ تۆۋەنلىدى.
مۇخبىرىنىڭ 2- ماي جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى ئۈرۈمچى سېتىش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، يازلىق زىچلىق قىممىتى 1- مايدىن 30- سېنتەبىرگىچە يولغا قويۇلىدىكەن. ماينىڭ يازلىق زىچلىق قىممىتى ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ماي باھاسىنىڭ بۇ سەۋەبتىن تۆۋەنلىتىلىشى فىزىكىلىق باھا تەڭشەشكە كىرىدىكەن، ھاۋا سوۋۇغاندا ماي باھاسى يەنە ئۆستۈرۈلىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ماي باھاسىنى تەڭشەش بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلغاندىن سىرت، يەنە زىچلىق قىممىتىگە قاراپ بىر يىلدا تۆت قېتىم باھانى تەڭشەيدىكەن. يەنى 1- مارتتىن 30- ئاپرېلغىچە ئەتىيازلىق، 1- مايدىن 30- سېنتەبىرگىچە يازلىق، 1- ئۆكتەبىردىن 3- نويابىرغىچە كۈزلۈك، 1- دېكابىردىن 29- فېۋرالغىچە قىشلىق زىچلىق قىممىتىنى ئىجرا قىلىدىكەن.
![]() |
«قارا ئاققۇ» نىڭ داۋاملىق پەيدا بولۇشى خەلقئارا ماي باھاسىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى، دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى تۇنجى قېتىم «ئۇدا ئۈچ قېتىم چۈشۈش» تەك ئەھۋال كۆرۈلدى. «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved