مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: ئاقچى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەت مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئايبۇلاق ھېيتئاخۇن 13 - نويابىر قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭىدىن سېلىنغان ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ قوش تىللىق يەسلىسىنى تەشۋىق قىلىش ھاجەتسىز، ئاتا - ئانىلار ئۆچرەتتە تۇرۇپ بالىلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرىدۇ، يەسلىدە ئوقۇتۇش سايمانلىرى ۋە ئويۇنچۇقلار تولۇق، دۆلەت يەنە يەسلىدە ئوقۇۋاتقانلارغا تاماق پۇلى ۋە دەرسلىك ياردەم پۇلى بېرىدۇ، شارائىت مۇشۇنداق ياخشى تۇرسا، كىمنىڭ بالىسى يەسلىگە كېلىشنى خالىمايدۇ دەيسىز؟
ب ۈگۈنكى كۈندە مەيلى شەھەرلەردە بولسۇن ياكى يېزىلاردا بولسۇن <<قوش تىل>> ئۆگىنىش ۋە <<قوش تىل>>نى قوللىنىش ئاتا - ئانىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.
مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، «مائارىپ ئاساسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايون» قۇرۇش ئىدىيەسنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭچە مۇكەممەل مائارىپ سىستېمسىنى شەكىللەندۈردى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپىدا زور بۆسۈش بولۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش نىسبىتى %72كە يەتتى، بۇنىڭدىن يەسلى يېشىدىكى 2 مىليون 200 مىڭ بالا مەنپەئەتلەندى. مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. ئالىي، كەسپىي مائارىپ تېز تەرەققىي قىلدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %84كە؛ ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %79 كە يەتتى. ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 34 مىڭغا يەتتى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 9900گە يەتتى، شىمالىي شىنجاڭدىكى شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان جەنۇبىي شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى 26 مىڭغا يەتتى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي شىنجاڭ بىلەن، يېزىلارنىڭ شەھەرلەر بىلەن بولغان مائارىپ، ئوقۇتۇش پەرقى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تۈركۈملەپ يولغا قويۇلۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەسىلىلەر ھەقىقىي ھەل قىلىندى. 2010 - يىلى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 23 مىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرگە بېرىپ تەربىيەلەندى، 2013 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلدى. مائارىپتىكى 37 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئۇدا بەش يىلدا 26 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلى بىر ھەسسە كۆپەيدى، بۇنىڭدىن 2 مىليون ئادەم/ قېتىمدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى مەنپەئەتلەندى، يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش پىلانىدىن 5 مىليون ئادەم/ قېتىم ئوقۇغۇچى مەنپەئەتلەندى. ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، بۇنىڭدىن 2 مىليون ئادەم/ قېتىمدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى مەنپەئەتلەندى، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار مائارىپىدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپ مائارىپىغىچە ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىستېمسى بەرپا قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.
يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سېلىنمىسى مىسلىسىز ئاشتى، يەنى بەش يىل ئىلگىرى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 نەچچە مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولسا، بۇ بەش يىلدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50 نەچچە مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى. يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش پىلانى، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ياتاقلىرىنى رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش تۈرى يولغا قويۇلدى، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ئالدىنقى ئىككى يىللىق قوش تىللىق مائارىپ خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم مەملىكەت بويىچە ئەڭ بالدۇر بەرپا قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە يىراقتىن ئوقۇتۇش مائارىپ سۇپىسى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىندى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى ئوقۇتقۇچىدىن 5000دىن ئارتۇق ئادەم/قېتىم ئەۋەتىلدى، شىنجاڭلىق ئوقۇتقۇچىلار 60 مىڭ ئادەم/ قېتىم تەربىيەلەندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved