بۇلتۇر يىل ئاخىردىن بۇيان جۇڭگۇنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا پەسكە قاراپ سىيرىلىش پەيدا بولغان .ئۆي باھاسى بىلەن ئۆي مىقدارىنىڭ بىرلىكتە كۆپىيىشى بىر قانچە شەھەرلەردە سىياسەتنى غىدىقلايدىغان،بازارلاردا قۇلاققا ياقمايدىغان پىتنە-ئىغۋالارنى تارقىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرىلىشكە باشلىغان .
ھازىرقىدەك بۇنداق ۋەزىيەتكە زادى قانداق قاراش كېرەك ؟ كەلگۈسىدە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلەر ؟ «بىرىنجى ئىقتىساد كۈندىلىك گېزىتى »مۇستەقىل ئىقتىسادشۇناس شيې گوجوڭ ، جۇڭگۇ ئۆي-مۈلۈك كەسپى ھەم تۇرالغۇ جاينى تەتقىق قىلىش ئۇيۇشمىسنىڭ مۇئاۋىن ئۇيۇشما باشلىقى گۇيۈنچاڭ،جۇڭگۇ كۆرسەتكۈچ ساننى تەتقىق قىلدىغان ئوروننىڭ باش تەپتىشى دۇبىڭ گو قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلغان .
ئۆي باھاسىنى بىر –بىرلەپ تەرتىپكە سېلىش .
بىرىنجى ئىقتىساد كۈندىلىك گىزىتى : ھازىرقى بازار ئەھۋالىنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقىنى ياكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى .ۋە ياكى قىسقا مۇددەتلىك تەرتىپكە سېلىش ئىكەنلىكىنى قانداق ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ ؟
گۇيۈنچاڭ :مىنىڭچە قىسقا مۇددەتلىك تەرتىپكە سېلىش بىلەن بۇرۇلۇش نۇقتىسنىڭ بىرلىكتە ھاسىل بولشى . لىكىن بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئىككى خىل چۈشەندۈرۈش بار ، بىرنجىسى بولسا كىچىك بۇرۇلۇش،يەنە بىرسى بولسا چوڭ بۇرۇلۇش ،چوڭ بۇرۇلۇش بولسا مۇسبەت ئاشۇرمىنى مەنپىي ئاشۇرمىغا ئايلاندۇرۇش ؛ كىچىك بۇرۇلۇش بولسا تىز كۆپىيىش سۈرتىنى ئاستىلتىش . مەن ھازىرقى بازار ۋەزىيتىنى كىچىك بۇرۇلۇش دەپ قارشنى خالايمەن ، كۆپلەپ سېتىلىش مىقدارىنى ئازاىيدۇ ،لىكىن ھەر تەرەپلىمىدىن چۈشۈپ كىتىش مۇمكىن ئەمەس .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ يەنە دەۋىرلىك تەرتىپكە سېلىش،چۈنكى ئۆي سېتىلىۋەرسە ئۆي باھاسى يۇقىرلاۋىردىغان ،تۆۋەنلەپ كەتمەيدىغان بازار ،بىر تۈرلۈك سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كىيىن ياكى ئىقتىساد ۋەزىيتىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە ئاسانلا قاراپ تۇردىغان ۋەزىيەت چىقىدۇ . مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن يېغىلىپ قالغان لازىملىق مىقدار قويۇلۇپ بىرىلدۇ .2010- يىلى 4-ئايدىن 2011-يىلغىچە پۈتۈنلەي تۆۋەنگە سىيرىلىش ئىدى ،لىكىن 2012-يىلدىن كىيىن تۇيۇقسىزلا كۆتۈرىلگەن ،بۇنداق ۋەزىيەت 2013-يىلغىچە داۋاملاشقان .2014-يىلى لازىملىق مىقدار ئازايتىلغان .ئەمىليەتتە بۇلتۇر تۆت پەسىلدىن باشلاپ مۇقىملاشقان ،بۇ ئۆي-مۈلۈك بازىرنىڭ ئاستىنقى دەۋىرى ،ھازىر ئاستىنقى دەۋىرنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈش باسقۇچىدا .
شيېگوجوڭ : 2012-يىلدىكى بولسا بۇرۇلۇش نۇقتىسى ،2013-يىلى پەيدا بولغىنى بولسا قىسمەن يۇقىرلاش ،ئاساسلىقى بىرىنجى ،ئىككىنجى قاتاردىكى شەھەرلەر .لىكىن بەزى ئۈچىنجى،تۆتىنجى قاتاردىكى شەھەرلەردە ئاساسى جەھەتتىن سېتىلىش بولمىغان .ئۈچىنجى ،تۆتىنجى قاتاردىكى شەھەرلەردە ئۆيلەرنىڭ تەمىنلىنىش مىقدارى ئېشىپ كەتكەن ،لىكىن پۇقرالارنىڭ كىرىمى چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆي سېتۋىلىش تەس بولغان . بىرىنجى ،ئىككىنجى قاتاردىكى شەھەرلەردە ئۆيلەرنىڭ باھاسىنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىپ قالغان ،ئۈچىنجى ،تۆتىنجى قاتاردىكى شەھەرلەردە ئۆيلەرنىڭ تەمىلىنىش مىقدارى كۆپۈككە ئايلىنىپ قالغان .
جۇڭگۇ تەڭشەش ئارقىلىق ئالدىن ئىجاد قىلدىغان بىر قانچە لازىملىق يەرلەرگە ئۆزگەرتىش قىلغان ،لىكىن بۇنداق قىلىش ئۆي-مۈلۈك تەمىنلەش ھەم لازىملىق بولۇش مۇناسىۋىتىنى ئۇزاق مۇددەت ئۆزگەرتەلمەيدۇ .
.مىنىڭچە ئۆي باھاسىنىڭ بىر-بىرلەپ تەرتىپكە سېلنىشى ھۆكۈمەتنىڭ تەرتىپكە سېلىپ كونتىرول قىلشى پۇقرالارنىڭ مۆلچەرى ئەھۋالىغا ئۆزگەرتىش ئىلىپ كىلىدۇ ،لىكىن ئەڭ ئاخىردىكى تەرتىپكە سىلىش قانداق بولىدۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ تەرتىپكە سېلش كۈچى بىلەن بازار كۈچىنىڭ ئەھۋالىغا قارايمىز ،شۇڭا ئۆي باھاسىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ،مىنىڭ ئويلىغىنىمدا ئەڭ ئاخىردا ھەربىر كىۋادىرات مىتىر يەرنىڭ باھاسى ئىككى ئايلىق مۇئاشنىڭ ئوتتۇرىچە سانىدىن تۆۋەن بولىدۇ دەپ قارايمەن .
دۇبىڭ گو : شەھەر بازىرنىڭ پارچىلنىشى تىزلىشۋاتىدۇ ،نەزەر سىلىش كەيپىياتىمۇ بارغانسىرى قويۇقلۇشۇپ بۇلتۇرقى ئوخشاش ۋاقىتتىكى يۇقرى ئاساس ساننىڭ تەسىرىدە بۇ يىل بىرىنجى ئايدىن تۆتىنجى ئايغىچە دۆلىتمىزنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىردا ئاز مىقداردا ئازدۇرۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن .لىكىن يىراقتىن قارىغاندا دۆلىتمىزنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرى يەنىلا كۆلۈمى كىڭىيۋاتقان باسقۇچتا تۇرماقتا ،ھازىرقى بۇرۇلۇش نۇقتىسى قىسقا مۇددەتلىك تەسىرگە ئۇچراپ تەۋرىنىش ھاسىل بولغان ،2014-يىلى پۈتۈن دۆلەتتە « ئۆي –مۈلۈك بازىرى سېتىلىش باھاسى بىلەن سېتىلىش مىقدارى ئۆسىدۇ،لىكىن ئۆسۈش سۈرئىتى ئاستا بولۇشتەك ،مەبلەغ سىلىپ يېڭىدىن قۇرۇلۇش باشلاش سۈرئىتىمۇ مۇقىم بولىشتەك » ئالاھىدىلىكلەر شەكىللىندۇ .
كۈندىلىك گېزىتى : بۇ قېتىمقى سىيرىلىششنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك ؟
گۇيۈنچاڭ : ئۆي مۈلۈك كەسپى بازار ئامىللىردىن باشقا يەنە ماكرو ئىقتىسادنىڭ ،ئۆي –مۈلۈك كەسپىنىڭ تەڭشەش ھەم كونتىرول قىلىش سىياسەتلىرنىڭ تەسىرلىرگىمۇ ئۇچرايدۇ .ماكرو ئىقتىساد جەھەتتە جۇڭگۇنىڭ ئىقتىسادىي سۈرئىتى ئاستا ، شۇڭا مۇقەرەر ھالدا ئۆي –مۈلۈك بازىرىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلتىدۇ ،مانا بۇ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىش دەپ ئاتىلدۇ .ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە تەسىر قىلغانى ئاساسلىقى پۇل سىياسىتى ، ھازىر بولسا تۇراقلىق ، بۇلتۇر تۆت پەسىلدىن بۇيان ئۆي –مۈلۈكىنىڭ كرېدىتى بىر قەدەر جىددىي بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆي-مۈلۈك بازىردا مەبلەغ كەمچىل بولۇپ ستىلىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتكەن .
ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ ئۆزىنىڭ تەڭشەش ھەم كونتىرىل قىلىش سىياسەتلىرى دۆلەت قاتلاملىرى بىلەن بەك پەرىقلەنمەيدۇ ،ئەمىليەتتە ھازىرقى ئەھۋال ئاساسلىقى ماكرو ئىقتىساد قاتلاملىرنىڭ كرېد ىت سىياسىتى بىلەن ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ دەۋرىيلىك ئۆزگىرشى بازارنىڭ نىسپىي چۈشۈپ كىتشىنى كەلتۈرىدۇ .2012-يىلى بىز ئاللىقاچان 2013-يىلى ئالدى بىلەن يۇقىرلاپ كىيىن مۇقىملىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ بولغان ،ئەمىليەتتىمۇ شۇنداق بولدى .بۇ يىل پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ ،ئالدى بىلەن تۆۋەن كىيىن مۇقىملىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالامدۇق يوق يەنىلا ماكرو ئىقتىسادنىڭ تەرەقىياتىغا ھەمدە پۇل سىياسىتىنىڭ ئەھۋالىغا ،ھەر قايسى جايلارنىڭ كەڭرەك سىياسەتلەرنى ئىشلىتەمدۇ يوق قاتارلىق تەرەپلەرگە قارايمىز .
شىيېگوجوڭ : ئۆي –مۈلۈك كەسپىنىڭ كۆپۈككە ئايلىنشى كۆپ مىقداردىكى پۇللارنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىرىدۇ .ھالبۇكى بۇنداق كۆپۈككە ئايلىنش ئاللىقاچان تۆۋەنگە قاراپ سىيرىلىشقا باشلىغان .پۇل بولسا ئىككى تال سىزىق ،بىرى پۇلنىڭ قىممىتى چۈشەمدۇ چۈشمەمدۇ بۇنىڭغا قاراش كېرەك ،يەنە بىرى بولسا ئادەملەرنىڭ پۇل قەرزى ئالالايدىغان ياكى ئالالمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك .ھازىر ئائىللەرنىڭ قەرىزلىرى بىرقەدەر ئىغىر ،يەرلىك ھۆكۈمەتمۇ شۇنچىلىك كۆپ قەرز بەرگەن ،پۇلنىڭ پاخاللىشىش بىسمى قوشۇلۇپ پۇلنىڭ كۆپۈككە ئايلىشىمۇ ئايلىنالمايدۇ ،شۇڭا ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ كۆپۈككە ئايلىنشىمۇ ئايلىنالمايدۇ ،ئەلۋەتتە .
يەرلىك ھۆكۈمەت تەڭشەش ھەم كونتىرول قىلش جىددىيلىكىنى پەسەيتىدۇ .
كۈندىلىك گىزىتى : ھازىر بىر قىسىم شەھەرلەرنىڭ تەڭشەش ۋە كونتىرول قىلىش سىياسەتلىردە ئۆزگىرىش ھاسىل بولغان ،بۇنىڭدىن كىيىن قانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بىرىلىدۇ ؟
گۇيۈنچاڭ : ئۆي-مۈلۈك بازىردا ئىغىر بۆلۈنۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن ،بۇ ئۆي-مۈلۈك بازىرنىڭ ئالاھىدىلكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،بۇ بولسا رايۇن خاراكتېرلىك بازار .ئوخشاش بولغان بىرىنجى قاتاردىكى شەھەرلەردىمۇ پەرىق بار . بۇنداق ئەھۋال ئاستىد ايەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلەر دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ تۈرگە بۆلۈپ تەڭشەش ھەم كونتىرول قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ،شۇڭا بىر قانچە يەرلەردە ئازراقلا تەڭشەش ئېلىپ بىرلدىغان ياكى ئازغىنە غىدىقلاش ئېلىپ باردىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن .
ئەمىليەتتە يەرلىك ھۆكۈمەت ھازىر بولغان ھوقوق دائىرسى ئىچىدە تەڭشەش ۋە كونتىرول ئېلىپ بارغان،ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىل بولسا مىكرو سىياسەت ،بولۇپمۇ پۇل سىياسىتى بىلەن ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ تەڭشەش ،كونتىرول قىلىش سىياسەتلىرى . ئالدىنقىسىنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزگەرتىش ھوقوقى يوق كىيىنكىسى يەرلىك ھۆكۈمەت باشقۇردىغانلىرى بولسا نوپۇس تەۋەلىكىنىڭ سېتىۋالغىلى بولامۇ يوق ،باج خىراجىتىگە ئىقتىسادىي ياردەم بىرەلەمدۇ يوق ،يەنە جامائەت فوندى قەرز بىرىش تەمىناتى قاتارلىقلار . نۆۋەتتە قارىغاندا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ شەھەرلەرنى قۇتقۇزشى ئاساسى جەھەتتىن بۇ ئۈچ تەرەپ بويىنچە ئالغا سۈرۈلدۇ .
شيېگوجوڭ :شەھەرگە ياردەم بەرەەنىڭ پايدىسى يوق ،پەقەت كۆپچىلىككە خاتا بولغان بىر تۇيغۇنى بىرىدۇ ، كۆپچىلىكنى بازارغا دىققەت قىلغۇزىدۇ . چەكلىك سېتۋىلىش بولسا كۆپۈككە ئايلىنىشنى تىزلىتىىپ بىردىغان كۈچ خالاس ، ئۇشتۇمتۇتلا چەكلىك سېتۋىلىش كەمچىل بولغان تۇيغۇنى بىرىپ قويۇپ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسنى ئۆي سېتۋىلىششىنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ .
يەرلىك ھۆكۈمەت تەڭشەش ھەم كونتىرول قىلىشنى بوشايتىشى چوقۇم كەڭيىپ كەتسە ئۇلارمۇ ھەرخىل ئاماللارنى ئويلاپ چىقىدۇ . لىكىن ئۈچىنجى ،تۆتىنجى قاتاردىكى شەھەرلەردە كۈچكە ئىگە بولماسلىقى مۇمكىن ،چۈنكى پۇقرالارنىڭ پۇلى يوق ، ئۆي باھاسى شۇنداق يۇقرى .
دۇبىڭ گو : يەرلىك ھۆكۈمەت شەھەرلەرگە ياردەم بىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ تەڭشەش ،كونتىرول قىلش سىياسەتلىرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتمەيدۇ . ھاقەت قىلغان نەرسىلەر يىتەرلىك بولماسلىق ، تەمىنلەش ئېشىپ كىتىشنىڭ ئۈچىنجى ،تۆتىنجى قاتاردىكى شەھەر- بازارلاردا ئالدىن تەڭشەش ھەم كونتىرول ئېلىپ بىرىش ،تەدبىر مۆلچەرلەرنىڭ كۆپ بولشى بولسا «كىرىمنى ئاشۇرۇش قائىدە»سى ، بوش بولغان ئىھتىياج باشلىنشى ،كەڭرى چەكلىك سېتۋىلىش تەلەپلىردىن پايدىلنىپ ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلنى ئازايىتقىلى ،قەرزنىڭ ئۆسۈم پىرسەنتىنى تۆۋەنلەتكىلى ، باج خىراجىتىدىن ئىتبار بىرىش پۇرسىتىگە ئىرىشكىلى ،بازارغا چىقىش ئىھتىياجىنى غىدىقلىغىلى بولىدۇ .
![]() |
مۇخبىرلىرىمىز يۆ يەنيۈن، لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ماي سائەت 12 دە ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئۇنىۋېرسال بىناسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پولات لىمى ئوڭۇشلۇق قۇراشتۇرۇلدى.
ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال با...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved