سىياسىي سەھنىدىكى «تۆمۈر خوتۇن» مېركىل بۇ بىر يىلدا نېمە ئىشلارنى قىلدى؟

    ئانگېلا دوروتىئا مېركىل (Angela Dorothea Merkel)

    ئامېرىكا «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى 9-دېكابىر 2015-يىللىق ئاتاقلىق ئەربابنىڭ مېركىل ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ئىران زۇڭتۇڭى روھانى ۋە ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامىپ قاتارلىق ئەربابلارنى مەغلۇب قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ سىياسىي سەھنىدىكى «تۆمۈر خوتۇن» نېمىگە ئاساسەن بۇ ئورۇنغا چىقالىدى؟

مېركىل رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ كىيىنىش ئۇسلۇبى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.

گېرمانىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرى

2005-يىلى مېركىل گېرمانىيە زۇڭلىسى بولغان.

   15 يىل ئىلگىرى مېركىل خىرىستىئان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بولغان. گېرمانىيەنىڭ ئىلگىرىكى زۇڭلىسى ھېلمۇت كېرنىڭ نەزىرىدىكى بۇ «شەرقىي گېرمانىيەلىك كىچىك قىزچاق» ناھايىتى تېزلا دۇنيا كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بەزىلەر ئۇنى «ياۋروپانىڭ ئايال پادىشاھى»، «دۇنيادىكى بىرىنچى كۈچلۈك ئايال» دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ شەرەپلىك نۇرلىرى ئاستىدا، خىرىستىئان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى 2013-يىلىدىكى سايلامدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگىلى ئازلا قالدى.

   ئەمما ئوبيېكتىپ نۇقتىدىن قارىغاندا، گېرمانىيەنىڭ سايلام تۈزۈمىدە ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئىتتىپاقداش پارتىيە ۋە سوتسىيات دېموكراتلار پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ پارتىيە نۆۋەتلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. بەزىدە ئىككى پارتىيە بىرلىشىدۇ، مەسىلەن: ھازىرقىغا ئوخشاش. شۇڭا سىياسىي پارتىيە قانداق گۇرۇپپىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، زۇڭلىسى مېركىل بولىدۇ.

2015-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى، مېركىل پارلامېنتتا بېلەت  تاشلىماقتا.

   مېركىل ئىچكى كابېنت ئەزاسى، گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي مىنىستىرى گابرىئېل، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېيېن، دېپلوماتىيە مىنىستىرى سىتېيىنمېيئېر قاتارلىقلار بىلەن فېدراتىسيە ئىچكى كابېنت يىغىنىدىن ئىلگىرى ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىدۇ. ئىلگىرى تاراتقۇلار تەھلىل قىلىپ «مېركىل ئايال كىشىنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تاللىدى، بۇ كۈتۈلمىگەن تاللاش لېيىننى مېركىلنىڭ ئىزباسارلىرى ئارىسىدىكى رېقابەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرۈشى مۇمكىن» دەپ قارىغان.

2015-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، مېركىل كۆچمەن ئەمگەكچىلەرنىڭ گېرمانىيەگە كەلگەنلىكىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلدى.

   «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:«ئۇنىڭ سىياسىي ئۇسلۇبى سىياسىي ئۇسلۇب ئەمەس. ئۇنىڭ تۇغما قابلىيىتى، ھەشەمەتچىلىكى، ئادەتتىن تاشقىرى سېھرىي كۈچى يوق. ئۇنىدا بار بولغىنى پەقەت ‹ھايات قالغۇچى›دىكى سەرگۈز ھوقۇق تۇيغۇسى ۋە بىر ئالىم (دىققەت: مېركىل ياش ۋاقتىدا فىزىكا ئالىمى ئىدى)نىڭ سانلىق مەلۇماتلارغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈسىدىن ئىبارەت. شۇڭا ئۇ ئەقىل جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن، يالغۇز قالغان ياكى پەقەت سەۋر تاقىتى بىلەنلا ئۇنىڭغا رېقابەت ئېلان قىلىشى مۇمكىن بولغان كىشىلەرنى يەڭگەن ۋاقىتتا، گېرمانىيە دوكتۇرلىرى بۇنى ‹مېركىل ئىستىراتېگىيەسى› دەپ ئاتايدۇ.»

مېركىل باۋارىيە خىرىستىئان دىنى جەمئىيىتى ئىتتپاقىنىڭ قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى.

   ئۇ ئېھتىياتچانلىق، مەغرۇرلۇق بىلەن ۋىللى بىراندت (ئىلگىرى غەربىي گېرمانىيەنىڭ زۇڭلىسى بولغان)نىڭ ئاتالمىش «بوۋاقنىڭ قەدىمىدەك سىياسىي»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى ياكى ئامېرىكىلىقلار ئېيتقاندەك ئارقىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلدى.

   «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق يېزىلدى:«2015-يىلى كەلدى. بۇ بىر يىلدا كىشىلەر بىر ئىككى قېتىم ئەمەس، بەلكى ئۈچ قېتىم ياۋروپانىڭ داۋاملىق مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش-تۇرالماسلىقىدىن گۇمان قىلدى. بۇ خىل مەۋجۇدلۇق مەدەنىيەت جەھەتتىكى ياكى جۇغراپىيەلىك مەۋجۇدلۇق ئەمەس، بەلكى بىر خىل يۈكسەك ئىرادە بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي ئىستىراتېگىيەدىكى بىر مەيدان تارىخىي سىناقنىڭ مەۋجۇدلۇقىدىن ئىبارەت.»

ياۋرو قەرز كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش

   ياۋروپانى تىزگىلىۋالغان ئارقىمۇ-ئارقا قەرز كىرىزىسىدە مېركىل ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان قاتناشقۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئافېنا كوچىلىرىدا مېركىل بىلەن گىرېتسىيە زۇڭلىسى سىپراسنىڭ رەسىمى بار.

   ئەمما مېركىلنىڭ بۇ شەرەپكە نائىل بولغانلىقىنى كۆرەلمىگەن گىرېتسىيەلىكلەرمۇ بار. ئامېرىكا كولۇمبىيە رادىيو شىركىتى «مېركىل ئىزچىل گىرېتسىيەنى قاتتىق سۆككەن بولغاچقا گىرېتسىيەلىكلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى» دېدى. گىرېتسىيەنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدىغان مارىيا «مېركىل بەلكىم ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ يىللىق ئاتاقلىق ئادىمى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما گىرېتسىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇ ‹يىللىق ئاپەت، شۇنداقلا ئۆتكەن بىرقانچە يىلدىكى بەختسىزلىك» دېدى. «تېز خەۋەر گېزىتى» دە «مېركىل گىرېتسىيەدە ئۆچمەنلىك بىلەن قارىلىدىغان نىشانغا ئايلىنىپ قالدى، چۈنكى گىرېتسىيەلىكلەر گېرمانىيە گېرىتسىيە ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن پۇل-مۇئامىلە كېلىشىمىدە يېتەكچى رول ئوينىدى دەپ قارىدى» دېيىلدى.

   2015-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل گىرېتسىيە زۇڭلىسى سىپراس بىلەن بېرلىن زۇڭلى مەھكىمىسىدە ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزدى ھەمدە تاراتقۇلارغا قىسقا سۆز قىلدى.

   ياۋرو رايونىدىكى ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى مۈگدەك باستى، ئۇلار ئويغانسىلا تۈگىمەس سۆھبەت بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، پەقەت دۇنيادىكى 4-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان مېركىل چوڭقۇر ئويلانماقتا.

   مېركىل مالىيە مىنىستىرى سىچابىل بىلەن «گىرېتسىيە مەسىلىسى» سەۋەبلىك يۈز ئۆرۈپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا توقۇنۇش پەيدا بولدى.

   ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ مالىيە مىنسىتىرى سىچابىل تەرەپتە تۇرسا، ئۇ ھالدا گىرېتسىيە ياۋرو رايونىدىن چېكىنىدۇ ياكى سىپراس ئىستېپا بېرىپ، گىرېتسىيە قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزىدۇ ۋە ياكى فىرانسىيە بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىچابىلنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ياۋرو رايونى مانا مۇشۇنداق قالايمىقان.

   2015-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسك ياۋرو رايونى رەھبەرلىرىنىڭ گىرېتسىيە بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياردەم بېرىش كېلىشى ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، گىرېتىسيە  بۇنىڭ بىلەن ياۋرو رايونىدىن چىقىپ كېتىش خەتىرىدىن قۇتۇلدى. بۇ گىرېتسىيەنىڭ داۋاملىق تۈردە ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشىپ، ۋاقتىنچە قەرزدىكى «باش قېتىنچىلىقى»دىن قۇتۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

   ھالبۇكى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىقتىسادى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئوخشاش بىر ئوبوروت پۇلى ئىتتىپاقىدا، ئاجىز بولغان ياۋرو ئېكولوگىيە زەنجىرىنى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئوخشاش بولغان باشقا دۆلەتلەرگە كېڭەيتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇتەخەسسىسلەر «گېرمانيەنىڭ گېرمانىيە ماركى (پۇل بىرلىكى)نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ياۋرو باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەمما بۇنىڭ بىلەن ياۋروپانىڭ سىرتقى چەمبىرىكىدىكى دۆلەتلەرنى ئېھتىياجلىق بولغان رىقابەت كۈچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاجىز بىر ياۋرو بۇ دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىنىڭ قايتىدىن ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى.


ئۇكرائىنا كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش

ئۇكرائىنانىڭ كيېۋدىكى پارلامېنت بىناسى ئالدى، بايراق كۆتۈرۈۋالغان ھەربىيلەر.


   ئۇكرائىناغا قارشى چىققۇچى غەربپەرەسلەر زور غەلىبىگە ئېرىشىپ، زۇڭتۇڭ يانوكوۋىچنى تەختتىن چۈشۈرگەن پەيتتە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى قىرىم روسىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۇتىننىڭ ئارمىيەسىنى كۈتۈۋالدى، ئۇكرائىنا پارچىلىنىش كىرىزىسىغا دۇچ كەلدى.

   شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، روسىيەنىڭ موسكىۋادا روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندلار سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى كېڭەشتى.

مېركىل  يىغىندىن ئىلگىرى ئۇكرائىنا زۇڭلىسى Arseni Jazenjuk بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.


   گېرمانىيە ياۋروپادىكى ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەت ۋە روسىيەنىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇكرائىنانىڭ داۋاملىق تۈردە روسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ شەرق-غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدۇ. گېرمانىيە ھازىر دېپلوماتىيەدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىش بۇ دۆلەتكە نىسبەتەن چوڭ بىر سىناق ھېسابلىنىدۇ.

   2015-يىلى 6-ئايدا، G7 باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنى گېرمانىيەنىڭ ئېلمىر سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئېلمىر سارىيىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئىككى يەلكىسىنى كېرىپ، ئاپپاراتقا ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇردى؛ ئۇچىسىغا قىزىل كىيىم كىيگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل ئوباماغا يۈزلىنىپ ئۆرە تۇردى، ئۇمۇ ئوخشاشلا ئىككى يەلكىسىنى كېرىپ تۇردى، چىرايىدىن غەزەپ ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

   2-ئايدا، ئامېرىكا يولغا قويغان بېسىم چۈشۈرۈش پىلانى، يەنى روسىيەگە قارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك جازا ۋە ئۇنى 8 دۆلەت گۇروھىدىن چىقىرىۋېتىش جازاسىغا نىسبەتەن گېرمانىيەنىڭ دېپلوماتىيە تارماقلىرى ئۆزىنى چەتكە ئالدى. «نىيۇيورك ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئۇكرائىناغا قورال-ياراغ يۆتكەشنى ئەستايىدىل ئويلىنىۋېتىپتۇ. ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق بولسا بۇ ئامېرىكىنىڭ روسىيەگە جەڭ ئېلان قىلغىنى بىلەن باراۋەر، ئەمما ئامېرىكا ئادەملىرىنى زەخمىلەندۈرمەيدۇ، تۇپرىقىنىمۇ مەينەت قىلماستىن، بەلكى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئۇرۇشىدۇ. خەۋەر ياۋروپادا چوڭ داۋالغۇش پەيدا قىلغاندىن كېيىن، ئوباما ئاۋۋال مېركىلنىڭ پىكرىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىسكى سۆھبىتىدە ئوڭايسىزلانغان 4 كىشىلىك گۇرۇپپا.


   2-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە، «نورماندى ئەندىزىسى»دىكى تۆت دۆلەت دەپ ئاتالغان ئۇكرائىنا، روسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە رەھبەرلىرى بېلورۇسىيە پايتەختى مىنىسكىدىكى مۇستەقىللىق سارىيىدا ئۇكرائىنا مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپ، 10 ئاي داۋاملاشقان ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدىدى. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو، روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندلار سۆھبەتكە قاتناشتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇنداق دەپ قارىدى:«بۇ بىر قېتىملىق ناھايىتى مۇھىم يىغىن. ئەلۋەتتە، بۇ روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئۈچۈن ئېيتقاندا سۆھبەت ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ۋەزىيەتنى پەسەيتىشتىكى مەقسىتىنى بىلدۈرۈشتىكى مۇھىم پۇرسەت.»

   2015-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، «مىنىسكىدىكى قول ئېلىشىش» ـــ روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو يىغىندىن ئىلگىرى قول ئېلىشىپ سالاملاشتى، پوروشېنكونىڭ چىرايىدا كەسكىنلىك ئەكس ئەتتى، پۇتىن بولسا بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈمسىرىدى. سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان كۈنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئۇرۇش تېخىچە داۋام قىلىۋاتاتتى.

   «نورماندى ئەندىزىسى» 10-ئاينىڭ بېشىدىكى پارىژ ئېلىسې قەسرىگىچە داۋام قىلدى. ئۇكرائىنانىڭ دېپلوماتىيە ئەمەلدارى رومان بىيىسمېلتېن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قول ئېلىشقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. «ئالدى بىلەن، بۇ خىل سۆھبەت قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشكە ئېھتىياجلىق؛ ئىككىنچىدىن، زۇڭلى مېركىل بۇ ئىشقا زور تۆھپە قوشتى.»

   شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى،  «نورماندى ئەندىزىسى»دىكى تۆت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنى پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا بىرقاتار ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم ۋەزىيىتى، يېڭى مىنىسىكى كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ۋە سۈرىيە مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى.


مۇساپىرلار كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش


   11-ئاينىڭ 23-كۈنى، مېركىلنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىنىگە 10 يىل بولغان كۈن. گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە، ئالدىنقى 9 يىل 9 ئايدا، ئۇ تەرىقەتچىلەرنىڭ مەيلىگە قويۇۋېتىپ ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئامال بولسىلا ئىپادە بىلدۈرمىدى، ئۆزگەرمەسلىك بىلەن تۈمەن ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇردى. 3 ئاي ئىلگىرى، ئۇ ئاخىرى ھەرىكەتلەندى: سۈرىيە ۋە ئىراق مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، دۇنياغا گېرمانىيەنىڭ مېھرىبانلىقىنى نامايەن قىلدى. 3 ئاي ئۆتۈپ كەتتى، قارشى تۇرغۇچىلار قوشۇنى زورايدى، «سودا گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى ئۇنى مۇساپىرلارنىڭ زۇڭلىسى، گېرمانىيەنىڭ زۇڭلىسى ئەمەس، دېدى. تاراتقۇلاردا «ئۇ بۇ سەۋەبلىك ئاغدۇرۇلۇپ كېتەمدۇ؟» دېگەن گۇمان تۇغۇلدى.

شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، پاسساي، گېرمانىيەنىڭ فېدراتسىيە ساقچىلىرى بىر تۈركۈم مۇساپىرلارنى يېتەكلەپ ئاۋىستىرىيە بىلەن گېرمانىيە ئارىسىدىكى چېگرىدىن ئۆتمەكتە.


   ئۇ پروتېستانت دىنىدىكى باستىرنىڭ قىزى. ئۇ 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا دۆلەت ئىشىكىنى مەردلەرچە ئېچىۋەتكەن ۋاقىتتا، بەزىلەر ئۇنىڭ پىسخىك ھالىتىنى 500 يىل ئىلگىرىكى مارتن لۇزىر بىلەن ئوخشاش دەپ پەرەز قىلدى. لۇزىر مۇقەددەس رىم ئىمپىرىيەسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاچقان تەنقىد قىلىش يىغىنىدا ئۇ:«مەن بۇ يەردە تۇرۇۋاتىمەن، مېنىڭ باشقا تاللىشىم يوق» دېگەن. ئەمما كېيىنكى تەرەققىياتقا نىسبەتەن مېركىل ئۇنچە يىراقنى ئويلىدىمۇ يوق بۇنىسى نامەلۇم.

شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، بىر مۇساپىر ميۇنخېن ۋوگزالىغا يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا قولىدا مېركىلنىڭ ئاللىبۇرۇن پۇرلىشىپ كەتكەن رەسىمىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى.


   مېركىل تەۋە بولغان خىرىستىئان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ ھەمشىرىسى خىرىستىئان دىنى جەمئىيەت ئىتتىپاقى (باۋارىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ) 11-ئاينىڭ 17-كۈنى كېلەر يىلى مۇساپىرلار سانىغا چەك قويۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مېركىل بولسا تۈركىيەدىكى 20 دۆلەت گوروھى باشلىقلار يىغىنىدا چەك قويماسلىقنى قايتا تەكىتلىدى. كېلەر يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كېلىدىغان مۇساپىرلار 3 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن.

شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، مېركىل گېرمانىيە مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش مەركىزىدە بىر مۇساپىر بىلەن ئۆز تارتما رەسىمگە چۈشتى.


   مېركىل:«چېگرىنى تاقاش بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش قانۇنسىز مۇساپىرلارنى قانۇنلۇق مۇساپىرغا ئايلاندۇرۇش» دېدى. ئۇ گېرمانىيەدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئۆتكەن بىرقانچە ئايدا مۇساپىرلار ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تىلغا ئېلىپ:«بىز ئۆزىمىزدىن پەخىرلەنسەك بولىدۇ» دېدى. ئۇ «شۇنداق، بىز قىلالايمىز» دېگەن سۆزىنى قايتا تەكىتلىدى.

   شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، گېرمانىيەنىڭ بېرلىندا گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىر يېڭى تىپتىكى سالاھىيەت دەلىللەش كارتىسىنى يولغا قويۇپ، مۇساپىرلارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان«كىملىك» قىلدى. بۇ كارتا گېرمانىيەدىكى تۆت سىناق نۇقتا شەھىرىدە ئالدىن يولغا قويۇلۇپ، ئارقىدىن مەملىكەت دائىرىسىدە كېڭەيتىلىدۇ. گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2015-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە جەمئىي 965 مىڭ پۇقرانىڭ پاناھلىنىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

   فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋالس ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئوتتۇرا شەرقتىن كەلگەن مۇساپىرلارنى ئەمدى قوبۇل قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدى؛ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بولسا پارلامېنتتىكى مۇنازىرىدە ئۆزىنىڭ مۇساپىرلار سىياسىتىنى ئاقلىدى.

   مېركىل گېرمانىيەگە كەلگەن مۇساپىرلارغا چەك قويۇش تەكلىپىنى رەت قىلىش سەۋەبلىك بارغانسېرى كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كەلدى، باشلىنىشىدىلا مۇساپىرلار سىياسىتىنى قوللاش پوزىتسىيەسىدە بولغان ئىقتىسادىي ساھەدىكىلەرمۇ ۋەزىيەتنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىشىدىن بارغانسېرى ئەندىشە قىلدى. دەۋر ھەپتىلىك گېزىتى تەھلىل قىلىپ «ئەگەر مېركىل روژىستىۋا بايرىمىدىن بۇرۇن قاتمۇقات مۇھاسىرە ئىچىدە تۇرۇپمۇ تەختتىن چۈشمىسە، ئۇنىڭ بىردىنبىر ۋارىسى مالىيە مىنىستىرى سىچابىل بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى گىرېتسىيە قەرز كىرىزىسىدە سىچابىل بىردەك ‹مېركىلنىڭ تەقدىرىنى تۇتۇپ تۇرغان ئادەم› دەپ ئاتالغان» دېيىلدى.

2015-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، مېركىل گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ھەر ھەپتە ئۆتكۈزىدىغان دائىملىق ئىچكى كابېنت يىغىنىغا قاتناشتى.


يەنە ISIS مۇ بار

   شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند بىلەن بىرلىكتە پارىژ جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا تېررورلۇق ھۇجۇمىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

   تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشكە نىسبەتەن گېرمانىيە دەسلەپتە ئانچە كۆپ ھەرىكەت قىلماي، پەقەت نەچچە ئون ئوفىتسىر-ئەسكەرلەرنى ئىراقتىكى يەرلىك قىسىمنى مەشىقلەندۈرۈشكە، نەچچە يۈز ئەسكەرنى مالىغا بېرىپ فىرانسىيەنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىشكە ئەۋەتكەن، سۈرىيە ئىشلىرىغا بولسا ئارىلاشمىغان. ئەمما پارىژدىكى ئېچىنىشلىق ۋەقەگە چىداپ تۇرالماي، ئاخىرى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا قوشۇلدى. فېدراتسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى رازۋېدكا ئايروپىلانى ۋە مۇھاپىزەت پاراخوتى ئەۋەتىپ، تېررولۇققا قارشى ئىتتىپاققا رەسمىي قاتناشتى.

   شۇ جاي ۋاقتى 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، گېرمانىيەنىڭ شىمالىدىكى Leer، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. خەۋەر قىلىنىشچە، گېرمانىيە فېدراتسىيە پارلامېنتى ئەسكەر ئەۋەتىپ IS قا زەربە بېرىشنى تەستىقلىغان.

   بۇ يىلنىڭ بېشىدا، 1-ئاينىڭ 13-كۈنى گېرمانىيەنىڭ بېرلىندا، گېرمانىيە زۇڭتۇڭى گائۇك ۋە زۇڭلى مېركىل قاتارلىق رەھبەرلەر براندېنبۇرگ دەرۋازىسىدا گېرمانىيە مۇسۇلمانلار مەركىزىي كومىتېتى تەشكىللىگەن يىغىنغا قاتنىشىپ، فىرانسىيە «چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن كېچىلىك قاراۋۇللۇقتا تۇردى. براندېنبۇرگ دەرۋازىسىدىكى قاراۋۇللۇقتا تۇرۇش پائالىيىتىدە چىراق ئارقىلىق فىرانسىيە دۆلەت بايرىقىنىڭ رەڭگى ھاسىل قىلىندى.

   تۈمەنلىگەن ئادەم براندېنبۇرگ دەرۋازىسىدىكى مېيىت ساقلاش پائالىيىتىگە قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە زۇڭتۇڭى گائۇك، زۇڭلى مېركىل، ئىچكى كابېنتنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە پارلامېنت باشلىقى لا مالتمۇ بار. پائالىيەت گېرمانىيەدىكى بىرقانچە مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەشكىللەندى ھەمدە باشقا دىنىي كوللېكتىپلەرنىڭ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. گائۇك تېررورچىلارغا مۇنداق دېدى:«سىلەرنىڭ ئۆچمەنلىكىڭلار بىزگە بېرىلگەن رىغبەتلەندۈرۈش.»

بىر قىسىم قىسقا خەۋەرلەر:

يوشۇرۇن تىڭشاش:

   ئىككى يىل ئىلگىرى، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئىلگىرى گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل ۋە گېرمانىيەدىكى كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى يوشۇرۇن تىڭشىغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، ئامېرىكا-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى بىر مەزگىل مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. 2015-يىلىغا كەلگەندە، ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيەنى يوشۇرۇن تىڭشاش پىلانى بارغانسېرى مېركىلنىڭ بىر يۈكىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ يىل 10-ئايدا، گېرمانىيە فېدراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى «ھۆكۈمەت فېدراتسىيە ئاخبارات ئىدارىسىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئىتتىپاقداشلارنى ئوغرىلىقچە تىڭشاشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى قايتا تەكىتلىدى» دېگەن. بۇ زۇڭلى مېركىلنىڭ ئۆزىنىڭ تېلېفونىنىڭ سىدنىيدا ئامېرىكا تەرىپىدىن ئوغرىلىقچە تىڭشالغاندىن كېيىن بېكىتكەن سىياسىتى.

    مېركىل مىنىسكىدىكى باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىشتىن ئىلگىرى يانفونىنى ئېتىۋەتتى، ئاندىن يېنىدىكى خىزمەتچى خادىمغا بەردى، بەزى ئۇچۇر خادىملىرى «بۇ ھەرىكەت ئوغرىلىقچە تىڭشاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن» دېدى.


سەپدېشى:

   2015-يىلى، ياۋروپا قەرز كىرىزىسى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى، كۆچمەنلەر مەسىلىسى قاتارلىق گېرمانىيە-فىرانسىيە ئىككى دۆلەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلىلەر كۆپەيگەن بولغاچقا، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھوقۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە چاپتى، ئۆزئارا مۇناسىۋىتىمۇ ياخشىلاندى.

   «دەۋر» يىللىق ئاتاقلىق شەخس دېگەن بۇ نام ئارقىلىق مېركىلنىڭ ياۋروپا ئىگىلىك ھوقۇق قەرزى، مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر شۇنداقلا روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىغا ئارىلىشىشى قاتارلىق ئىشلار مەزگىلىدە ئىپادىلىگەن رەھبەرلىك ئىقتىدارى مەدھىيەلەنگەن.  بۇ نۇقتىدا مېركىل 2015-يىلى ئۇتۇپ چىقتى. ئەمما كەلگۈسىدىكى يول ئۇزۇن، مېركىل ئورۇننى بوشاتقاندىن كېيىن، خىرىستىئان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ يۈزلىنىدىغىنى يۆنىلىشى، ئاساسىي قاتلىمى يوق، ئىقتىدارىمۇ يوق بىر ئەر بولامدۇ قانداق؟

   سىز ئۇنى قوللىسىز بولىدۇ، قوللىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما مېركىلنىڭ ماڭغىنى بىر كەڭرى كەتكەن تۈپتۈز يول ئەمەس.

   2015-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، مېركىل بريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بىناسىغا يېتىپ كېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلدى.



خەتكۈچلەر:
21-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
Powered by Leglek