شىنجاڭ 9- نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى باشلاندى

تەڭرىتاغ مۇخبىرىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدىن ئەۋەتكەن خەۋىرى : جۇڭگو شىنجاڭ 9- نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى ( قىسقارتىپ سايرام كۆلىنى ئايلىنىش مۇسابىقىسى دەپ ئېلىندى ) 27- ماي كەچقۇرۇن شىنجاڭ جىڭ ناھىيەسىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زۇنۇن قېيۇم مۇنداق دېدى: بورتالا ئوبلاستى توققۇز يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە سايرام كۆلىنى ئايلىنىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ مۇسابىقە دۆلەت ئىچى - سىرتىدا بىر قەدەر ياخشى ۋە بىر قەدەر زور تەسىرگە ئىگە يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئىشتىن سىرتقى مۇسابىقە بولۇپ قالدى.
خۇبېي ئۆلكىلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇ دېچۈن نەق مەيداندا جۇڭگو شىنجاڭ 9- نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، 27 - ماي سائەت 17:30 گىچە، 9- نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىنىڭ تىزىملاش خىزمىتى پۈتۈنلەي ئاياغلاشقان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى كوماندىلاردىن 11 ى ، شىنجاڭ ئىچىدىكى كوماندىلاردىن 11 ى بولۇپ ، جەمئىي 126 نەپەر تەنھەرىكەتچى تىزىملاتقان، يېتەكچى ۋە ترېنېردىن 24 ى كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەللىك تەنھەرىكەتچىدىن 12 سى بار بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ئەنگىلىيە، يېڭى زېلاندىيە، كانادا، ئامېرىكا، مالايشيا، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە 28-مايدىن 5- ئىيۇنغىچە بەش كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، جىڭ ناھىيەسى، ئالاتاۋ شەھىرى، بورتالا شەھىرى، ئارشاڭ ناھىيەسى، سايرام كۆلى قاتارلىق جايلاردىن ئۆتىدىغان بولۇپ، مۇسابىقە ئومۇمىي مۇساپىسى جەمئىي 436 كىلومېتىر، بەش مۇسابىقە بۆلىكىگە بۆلۈنگەن . 1-بۆلەك جىڭ ناھىيەسىدىن ئالاتاۋ شەھىرىگىچە، مۇساپىسى 101.7 كىلومېتىر؛ 2- بۆلەك : ئالاتاۋ شەھىرىدىن بورتالا شەھىرىگىچە، مۇساپىسى 78.5 كىلومېتىر؛ 3-بۆلەك: بورتالا شەھىرىدىن ئارشاڭ ناھىيەسىگىچە، مۇساپىسى 91 كىلومېتىر؛ 4-بۆلەك: ئارشاڭ ناھىيەسىدىن سايرام كۆلىگىچە، مۇساپىسى 100 كىلومېتىر؛ 5-بۆلەك : بورتالا شەھىرىنى ئايلىنىش مۇسابىقىسى، مۇساپىسى 64.8 كىلومېتىر.
ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زۇنۇن قېيۇم مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنيادىكى ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلار ئەڭ كۆپ دۆلەت، سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋېلىسىپىت ماھىرلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي يەنە، ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇملىشىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، خۇبېي ئۆلكىسى، ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى ئاستىدا، بورتالا ئوبلاستى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى يولغا قويدى، بولۇپمۇ ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈردى. سايرام كۆلى بورتالا ئوبلاستىدىكى نۇرغۇن ئۆزىگە خاس ساياھەتچىلىك مەنبەسى ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا ، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ۋېلىسىپىت ھەۋەسكارلىرىنىڭ بىر ئايلىنىپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىغان « جەننىتى » .
جىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئۆمەرجان لوقمان مۇنداق دېدى : جىڭ ناھىيەسى داڭلىق « ئالقات ماكانى» ، قەدىمدىن تارتىپ « يىپەك يولى » نىڭ شىمالىدىكى مۇھىم جاي. بىز ياشلىق ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋېلىسىپىت ماھىرلىرىنىڭ مۇسابىقىدە ئۆز كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئۆز ئۆزىدىن ھالقىپ، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
بورتالا ئوبلاستى شىنجاڭنىڭ غەربىگە جايلاشقان، قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ، يىپەك يولىنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم جاي، سايرام كۆلى دۆلەت ئېنىق بەلگىلىگەن نۇقتىلىق مەنزىرە داڭلىق رايونى ۋە شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەتلىك سۇلۇ يەر باغچىسى ( سىناق نۇقتا ) بولۇپ، شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئېگىز تاغ سوغۇق سۇ كۆلى ھېسابلىنىدۇ، نۆۋەتتە، بۇ ناھىيە دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.



خەتكۈچلەر:
28-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
   ئىتالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئىتالىيە بىرلەشمىسى كېلەركى مۇسابىقە پەسىلىدىن باشلاپ سىن لېنتىسىنى قايتا قويۇش ئارقىلىق رېپېرنىڭ ھۆكۈمىنىڭ توغرا-خاتالىقىغا قارار چىقىرىشنى سىناق تەر...
17-04-2016
ئىسپانىيە تاراتقۇسى: رونالدو دائىم نۇقتا توپقا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. ئۇ بەك شەخسىيەتچى!     پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئېھتىمال گېرمانىيەدىكى بۆرە قەلئەسى كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە قالپاق ئۇيۇنى...
03-03-2016
 ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،   2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
02-03-2016
 شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.   1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مە...
06-02-2016
      2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتى...
06-02-2016
   «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى بىلەن تايلاندلىق سودىگەر Bee Taechaubol ئوتتۇرىسىدىكى مىلان كۇلۇبىنىڭ پاي چېكىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سودا مەغلۇپ بولغان بولۇپ، مىل...
06-02-2016
       ئالدىنقى ھەپتە پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتكەن سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنىشىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى بۇ يۇمشاق دېتال Snapchat نىڭ يېڭى ئىقت...
06-02-2016
      خېڭدا ۋە سۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى باھادا چەتئەللىك توپچى سېتىۋالدى، باشقا كوماندىلارمۇ ئارقىدا قالمىدى، يۆتكىلىش بازىرىنى كۆپۈك خەۋەر قاپلىدى. تۈركىيە تاراتقۇسى بېيجىڭ گوئەن پات ئارىدا 8 مىلىيون ياۋرو باھادا ...
06-02-2016
        خېڭدا ئورگان تەرەپ جېكسون مارتىنىسنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، «ئاس گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشچە، جېكسون مارتىنىس ئىلگىرى جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىشنى خالىمىغان. جېكسون مارتىس نېمە ئۈچۈن ئويىنى ئۆز...
06-02-2016
       ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى شاللاش باسقۇچىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تىزىملىككە ئوخشىمايدىغان يېرى، چېرشىۋ تىزىملىكتىن چىقىرۋىتى...
Powered by Leglek