كادىنسكى كۆۋرۈكى ۋىتىم دەرياسىغا سېلىنغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 570 مېتىر، كەڭلىكى ئاران ئىككى مېتىر كېلىدۇ.
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئامېرىكا Odditycentra تور بېكىتىنىڭ 22-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيادا نۇرغۇنلىغان خەتەرلىك كۆۋرۈكلەر بار بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيەنىڭ بايقال رايونىغا جايلاشقان كادىنسكى كۆۋرۈكى دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك كۆۋرۈك ئىكەن.
كادىنسكى كۆۋرۈكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 570 مېتىر بولۇپ، ۋىتىم دەرياسىغا سېلىنغان. بۇ كۆۋرۈكنىڭ كەڭلىكى ئاران ئىككى مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ماشىنىلارنى مۇزلۇق سۇغا چۈشۈرۈۋەتمەيدىغان رېشاتكا ياكى ھېچقانداق بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىگە يوق ئىكەن. كۆۋرۈكنىڭ مېتال قۇرۇلمىلىرىنىڭ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۈستىگە شال يېپىلغان. قار-مۇز بىلەن پۈركەنگەندە، كۆۋرۈك يۈزى ئادەتتىن تاشقىرى تېيىلغاق بولۇپ كېتىدۇ، كۆۋرۈك ئورنى سىبىرىيە رايونىدا بولغانلىقتىن، بۇ كۆۋرۈك يىل بويى قار-مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ.
كادىنسكى كۆۋرۈكى دەسلەپتە تۆمۈر يولى كۆۋرۈكى قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، بايقال-ئارمۇر غول لىنىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئەمما كادىنسكى كۆۋرۈكى ئەزەلدىن ئىشلىتىلىپ باقمىغان، شۇ ۋەجىدىن يېقىن ئەتراپتىكى كۇئاندا كەنتىدىكى كىشىلەرنىڭ ۋىتىم دەرياسىدىن ئۆتىدىغان يولى بولۇپ قالغان.
رەسمىي ئىشلىتىلىپ باقمىغانلىقتىن، كادىنسكى كۆۋرۈكى قۇرۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان رېمونت قىلىنىپ باقمىغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى ۋە رەھىمسىز ھاۋارايىنىڭ كۆۋرۈك ئۈستىگە ياتقۇزۇلغان شاللارنى چىرىتىۋەتكەنلىكتىن، چوڭ يۈك ماشىنىلىرى كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە دائىم يېرىلىپ، چوڭ تۆشۈكلەر پەيدا بولۇپ قالغان. زادى ماشىنا ھەيدەپ ئۆتۈش توغرا كېلىپ قالسا، نۇرغۇنلىغان شوپۇرلار ئۆزلىرى ئۈستىگە شال تىزىپ چىقىپ، ئاندىن ئۆتكەن.
كادىنسكى كۆۋرۈكى بۈگۈنكى كۈندە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن تەۋەككۈلچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved