جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
سۈرىيە دۆلەت مۇزىيىنىڭ باشلىقى ئابدۇللا قارىم 21-ماي مۇنداق دېدى: مەن سۈرىيەنىڭ تارىخىي قەدىمىي شەھىرى تەيدىمورنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىدىن ئىنتايىن ئازابلاندىم ۋە ئەندىشە قىلدىم. مەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىپ بۇ قەدىمىي شەھەرنى قۇتۇلدۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تەيدىمور 20-ماي ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن. ئابدۇللا قارىم مۇنداق دېدى؛ تەيدىمور سۈرىيەنىڭ شەھىرى بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى بوكۋا 21- ماي مۇنداق دېدى: تەيدىمورغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتلەر ئۇرۇش جىنايىتى، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قىلىنغان غايەت زور بۇزغۇنچىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved