ئادەتتە ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغاندا، سىرتنى يېتەرلىك كۆرگىلى بولمايدۇ، قۇلاق ئىچىدىكى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى ئەزا ئالدىغا قاراپ كېتىۋاتقان ھەرىكەتكە ماسلىشىۋاتقان چاغدا، كۆز تېخى ئادەمنىڭ تىنچ تۇرۇۋاتقانلىقى ياكى ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بېكىتىدىغان كۆرۈش تۇيغۇسىغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئېرىشەلمىگەن بولىدۇ، ئەگەر مۇشۇ چاغدا كۆز ئاپتوموبىل ئىچىدىكى نەرسىلەرگە تىكىلىپ قاراپ قالسا، چوڭ مېڭىگە ‹‹تىنچ تۇرغان›› لىق ئۇچۇرى يەتكۈزۈلۈپ، ئىچكى قۇلاق بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ ئۇچۇرىدا ماسلىشالماسلىق كۆرۈلۈپ، باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ چاغدا باش بارماق بىلەن بېغىشنىڭ ئىچى تەرىپىدە ئىگىلىش ئورنىدىن بەش سانتىمېتىر يىراقلىقتىكى ئورۇننى بىرنەچچە مىنۇت بېسىپ تۇرسا، باش قېيىشنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ. دائىم بېشى قايىدىغان كىشىلەر ماشىنىغا چىقىشتىن بىرەر سائەت بۇرۇن بىرەر پارچە زەنجىۋىلنى چاينىۋالسا، كۆڭۈل ئاينىش، ياندۇرۇش، باش قېيىش ۋە كۆز تورلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved