جاھان ئاگېنتلىقى 23-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نىتانىياخۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ 1948-يىلى 14-مايدا قۇرۇلغانلىقى تەبرىكلەنگەن «مۇستەقىللىق بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن نۇتۇق سۆزلەپ، نۇتۇقىدا؛ «ئىروسالىم «قۇددۇس شەھىرى» ئىسرائىلىيەنىڭ ئەبەدى پايتەختىدۇر» دېدى. نىتانىياخۇ، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى ماختاپ بۇلتۇر يازدىكى «قوغدىغۇچى لىنيە» ھەرىكىتىدىكى جەڭگىۋار روھ ۋە قەھرىمانلىققا شاھىت بولدۇق، دېدى. ئۇ يەنە؛ «بىزگە قوشنا دۆلەتلەرگە قارىغىنىمىزدا ئىسرائىلىيەنىڭ مىسلىسىز بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز، ئىسرائىلىيە پۈتۈن خەلقىگە ھەق-ھۇقۇق تەڭپۇڭلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان، دېموكراتىك سېستىمىغا ئىگە بىر دۆلەتتۇر» دېدى.
غەربى قىرغاقتا 2014-يىلى 12-ئىيۇندا 3 نەپەر يەھۇدىي ئولتۇراقلاشقۇچى يۇقاپ كېتىپ 18 كۈندىن كېيىن جەسىتى بايقالغان، شۇنىڭدىن كېيىن پەلەستىنلىك ياش مۇھەممەد ئەبۇ خۇدەير 2-ئىيۇلدا يەھۇدى ئولتۇراقلاشقۇچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن 7-ئىيۇلدا «قوغدىغۇچى لىنيە» نامىدا غەززەگە ھاۋادىن زور ھۇجۇم قىلغان ۋە 17-ئىيۇل پەيشەنبە ئاخشىمى قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇمغا ئۆتكەن.
ئىبرانى كالىندارىدا ھەر يىلى 5-مايدا «بۇ يىل مىلادىيە كالىندارىغا ئاساسەن 23-ئاپرېلغا توغرا كېلىدۇ» ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى يىل ھارپىسى مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەت مىقياسىدا «مۇستەقىللىق كۈنى» نامىدا تەبرىكلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئىسرائىلىيە، مىلادىيە كالىندارىغا ئاساسەن 1948-يىلى 14-مايدا، «ئىبرانى كالىندارىغا ئاساسەن 5-ماي» ئۆزىنى مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1949-يىلى 11-مايدا ئىسرائىلىيەنى دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved