7-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 77 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. كىشىلەر ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ، تارىخنى ئىسىدە مەھكەم ساقلاپ، ئاسان كەلمىگەن تىنچلىقنى ئالاھىدە قەدىرلىشى كېرەك.لېكىن يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ، ياپونىيىدىكى ئوڭچىل كۈچلەر بىر جەھەتتىن تارىخى مەسىلىلەردە ئارقا ئارقىدىن ۋەقە تۇغدۇرماقتا. يەنە بىر جەھەتتىن ھەربىي ئىشلار بىخەتەرلىك ساھەسىدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ،كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى مەنئى قىلىشنى بىكار قىلدى، تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنى قۇرۇق جازىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇ ئەسەبىي تەدبىرلەر ياپونىيىنىڭ تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى. بۇ ياپونىيىنىڭ ئۇرۇش قوزغىسا بولىدىغان خەتەرلىك دۆلەتكە يېڭىدىن ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، جۇڭگو خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىدى؛ دۇنيادىكى تىنچلىق سۆيەر كىشىلەرنىڭ بىردەك قارشى تۇرۇشىنى قوزغىدى.
جۇڭگودا مەملىكەت بويىچە 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى خاتىرىلەش ۋە ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى ئەۋج ئېلىپ، تارىخنى ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرۇش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئورتاق ئىرادىسى ئىپادىلەندى. ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەردە ئامما كوچىغا چىقىپ، ياپونىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا ھەققانىيەت ۋە ۋىجداننى تەشۋىق قىلدى. ياپونىيىدىمۇ ئون مىڭدىن كۆپرەك ئامما باش ۋەزىر مەھكىمىسى ئالدىغا بېرىپ نامايىش ئۆتكۈزدى. چەتئەل تاراتقۇلىرى ياپونىيە ئۇرۇش گېنىنى تىرىلدۈرمەكچى، ئابىشىنزونىڭ تىنچلىقنى بۇزۇش سىياسىتى كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، بۇنىڭغا بايرىقى روشەن ھالدا ئېتىراز بىلدۈردى ۋە بۇنىڭدىن غەزەپلەندى. بۇ ئابىشىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ خالىغانچە ئىش قىلغانلىقى، ئۆز دۆلىتىدىكى تىنچلىقپەرۋەرلەر بىلەن قارشىلاشقانلىقى، ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بىلەن قارشىلاشقانلىقى، ئەينەن تارىخ ۋە ھەققانىيەت بىلەن قارشىلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
كىشىلەر ياپونىيە مىللىي مىلىتارىزمىنىڭ جۇڭگو، ئاسىيا ھەتتا دۇنياغا قالدۇرغان چەكسىز جاراھىتىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ياپون تاجاۋۇزچىلىرى جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قوزغاپ، قىرغىن قىلىش، دەپسەندە قىلىش ، ئوت قويۇش ، بۇلاڭچىلىق قىلىش قاتارلىق مىسلىسىز پاجىئەنى پەيدا قىلدى. نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا 300 مىڭ جۇڭگو پۇقراسى ياپون مىللىتارىزمىنىڭ زەربىسىدە قازا قىلدى. بۇ ياپون مىلىتارىزمىنىڭ سانسىزلىغان زوراۋانلىق ھەرىكىتىدىكى ئەڭ مەركەزلىك، ئەڭ گەۋدىلىك، ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرلىق بىر قېتىملىق ھەرىكىتى. شۇنداقلا ئىنسانلار مەدەنىيەت تارىخىدىكى كىشىلەرنى يوقىتىش خاراكتېرلىك پاششستىك زوراۋانلىق ھەرىكەت. ياپون ئارمىيىسىنىڭ 731- قىسمى تىرىك ئادەم بىلەن بىئولوگىيىلىك قۇراللارنى سىناق قىلدى.نەچچە مىڭ جۇڭگولۇق ۋە بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلىرى تەجرىبىدە قازا قىلدى. بۇ بىگۇناھ ھاياتلىق ۋە ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا دەپسەندە قىلىش ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قانلىق جىنايى ھەرىكەت ياپون مىللىتارىزمىنىڭ ماھىيىتى كىشىلىك ئەخلاققا، ئىنسانلارغا،مەدەنىيەتكە قارشى ھەرىكەت بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئوراق دۈشمىنى، دۇنيا تىنچلىقىغا بولغان يوشۇرۇن ئاپەت، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە بولغان زور تەھدىت ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ياپونىيە ئوڭچىللىرى ئېقىمغا قارشى مېڭىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ياپونىيىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ ھەممىسىنى يوققا چىقىرىشىدا، ئىنكار قىلغىنى ئەينەن تارىخ،زەربە بەرگىنى خەلقئارا تەرتىپ،خىرىس قىلغىنى ھەققانىيەت. ياپون مىلىتارىزمى تىرىلگەن ھامان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ۋە ئاسىيا خەلقى زىيانغا ئۇچراپلا قالماستىن ، ياپونىيىنىمۇ ئېغىر ئاپەت پەيدا قىلىدۇ. جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيانىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ياپونىيە ئوڭچىل كۈچلىرىنىڭ كېڭىيىش ۋەزىيىتىنى چەكلەپ، ياپون مىللىتارىزمىنىڭ تېرىلىش خەتىرىنى تۈگىتىش ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىغانلىق بولۇپلا قالماستىن تېخىمۇ مۇھىمى دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە كەلگۈسىنى قوغدىغانلىق بولىدۇ.
دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېقىمى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ئېقىمغا قارشى ماڭغانلار ھالاك بولىدۇ. ھازىرقى دۇنيا ئېقىمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە بېرىلىدىغان جاۋاب پەقەت بىر، ئۇ بولسىمۇ تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق ،مەنپەئەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش. ياپونىيە ئوڭچىللىرى مىلىتارىزمنى تىرىلدۈرۈش ئويىدا بولۇۋاتىدۇ. بۇ دەۋر ئېقىمىغا خىلاپ. مەيلى جۇڭگو تەھدىتىنى تەرغىب قىلسۇن ياكى ئاكتىپ تىنچلىقنى تەشۋىق قىلسۇن ئابىشىنزو ھۆكۈمىتى تارىخنى، تاجاۋۇزچىلىق ماھىيىتىنى ئىنكار قىلالمايدۇ؛ ئوڭچىل كۈچلەرنىڭ ئېقىمغا قارشى ھەرىكىتىنى ،تىنچلىققا خىرىس قىلىش ھەرىكىتىنى ياپالمايدۇ. جۇڭگو تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا چىڭ تۇرىدۇ. لېكىن تىنچلىقنى سۆيۈش ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇقنى قۇربان قىلىش، بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى بەدەل قىلمايدۇ. ياپون مىلىتارىزمىنىڭ تىرىلىشى، تارىخىي تراگېدىيىنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ. جۇڭگو خەلقى ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى ھەتتا دۇنيادىكى تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
تارىخنى ئۇنتۇش ئاسىيلىق قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. گېرمانىيەنىڭ سابىق زوڭلىسى بۇلەنتنىڭ پولشادىكى يەھۇدىي قازا قىلغۇچىلار خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىدا تېزلىنىشى گېرمانىيىنى ئورنىدىن دەس تۇرغۇزدى. دۇنيانىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر قىلدى. ياپونىيە تارىخقا ھۆرمەت قىلىش، ئەستايىدىل پۇشايمان قىلىشنى تاللامدۇ ياكى خالىغانچە ئىش كۆرۈپ، ئۆزىنى بالاغا تىقىش يولىنى تاللامدۇ؟ تارىخ ھۆكۈمى كۆز ئالدىمىزدا...
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved