يەكشەنبە كەچ ئۈرۈمچى «قىزىلتاغ» تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن، جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 23- ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ «ئۇچار يولۋاس» كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 112:89 نومۇر بىلەن جېجياڭ كوماندىسىنى ئۇتۇپ، ئۇدا تۆت مەيدان ئۇتۇش غەلىبىسى بىلەن يەنە تۆرگە چىقتى، بىراق شىرئەلىجان مۇسابىقىدە ئۆزىنى تۇتالماي، رېپېر ئۇنى مەيداندىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتتى.
ئەسلىدە ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاياغلىشىدىغانغا ئىككى مىنۇتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت قالغاندا، جېجياڭ كوماندىسى ھۇجۇم قوزغىدى، شىرئەلىجان ئۇلارنىڭ چەت ئەللىك ماھىرى ۋىللې ۋاررىننى توسۇماقچى بولغاندا ئۇنىڭغا سوقۇلۇپ كەتتى. بۇ سوقۇلۇش مەيداندا چوڭ سۈركۈلۈش پەيدان قىلمىغانىدى، بىراق شىرئەلىجان رېپېرنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي زۇكانلىشىپ قالدى. ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلغان جوۋ چى دەرھال شىرئەلىجان بىلەن رېپېر ئوتتۇرىسىغا «تام» بولۇپ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەي دېگەن رېپېر جوۋ چىنى قايرىۋېتىپ، قولىنى ئېگىز كۆتۈرگىنىچە شىرئەلىجانغا مەيداندىن ھەيدەپ چىقىرىش جازاسىنى بەردى. شىرئەلىجان مەيداندىن چىقىپ كېتىۋاتقىنىدىمۇ، رېپېردىن نارازى بولغانلىقىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمىدى.
مۇسابىقە باشتىلا چۈشكەن شىرئەلىجان ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە تۈگىمەي تۇرۇپلا، «ئۈچ قېتىم قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىدى» دەپ جازالىنىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، سەل كايىپ قالغان بولسا كېرەك، شۇڭا ئۇ ئۆزىنى تۇتالماي قالدى. ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ «ئۇچار يولۋاس» كوماندىسى مۇسابىقە باشلانمىسىدا قارشى تەرەپنى چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن ئارقىغا تاشلىيالمىغان بولسىمۇ، ئەمما نومۇردا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، شىرئەلىجاننىڭ بۇنچە چېچىلىپ كېتىشىنىڭمۇ ئورنى يوق ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئارتۇقچە غەزىپى ئۇ ۋە «ئۇچار يولۋاس» كوماندىسىغا بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەردى. چۈنكى شىنجاڭ «ئۇچار يولۋاس» كوماندىسىنىڭ غوللۇق ماھىرى شىرئەلىجان مەيداندىن ھەيدەلدى، ئۇ ئەمدى 30- دېكابىر فۇجيەن كوماندىسى بىلەن ئوينايدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغان بولدى. كىم بىلىدۇ جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى شىرئەلىجاننىڭ بۇ ئىشىنى سۈرۈشتە قىلىپ، يەنە قوشۇپ جازا بېرەمدۇ تېخى؟ بۇ شىرئەلىجاننىڭ تۇنجى قېتىم «قېنى قىزىق» لىق قىلغىنى ئەمەس، ئىلگىرى ئۇ «كەپسىزلىك» قىلىپ جازالىنىپمۇ باققان. ئەسلىدە ئۇ پېشقەدەم تەجىربىلىك ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن سالماق بولغان بولسا، ھۆرمىتىنى تېخىمۇ ئاشقان بولاتتى.
قانداقلا بولمىسۇن شىرئەلىجاننىڭ مەيداندىن ھەيدىلىشى «ئۇچار يولۋاس» كوماندىسىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان قىرانبېكمۇ تېزلا مۇسابىقە رىتىمىغا ماسلىشىپ، كوماندىسىنىڭ نومۇر پەرقىنى داۋاملىق چوڭايتىشىغا كۈچ قوشتى، نەتىجىدە «ئۇچار يولۋاس» كوماندىسى 112: 89 نەتىجە بىلەن رەت تەرتىپتە 8- ئورۇندا تۇرۇۋاتقان جېجياڭ كوماندىسىنى يەڭدى.
«ئۇچار يولۋاس» كوماندىسى جۇمە كۈنى (25-دېكابىر) شاڭخەيگە بېرىپ، شاڭخەي كوماندىسىنى 113:81 نەتىجە بىلەن يەڭگەن؛ بۇنىڭ بىلەن 19 مەيدان ئۇتۇش، ئۈچ مەيدان ئۇتتۇرۇش نەتىجىسى بىلەن قايتا تۆرگە چىققانىدى. ھازىر بولسا 20 مەيدان ئۇتۇش، ئۈچ ئۇتتۇرۇش نەتىجىسى بىلەن بارلىق كوماندىلارنى كەينىگە تاشلىۋەتتى، چۈنكى رەت تەرتىپتە 1- ئورۇندا تۇرىۋاتقان «گۇاڭشيا» كوماندىسى بۇ ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە كەينى كەينىدىن چىڭداۋ ۋە سىچۇەن كوماندىسىغا يېڭىلدى ۋە 19 مەيدان ئۇتۇش، تۆت مەيدان ئۇتتۇرۇش نەتىجىسى بىلەن 2- ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى؛ سىچۇەن كوماندىسى 135:98 نەتىجە بىلەن «گۇاڭشيا» كوماندىسى يېڭىپ، 18 مەيدان ئۇتۇش ۋە بەش مەيدان ئۇتتۇرۇش نەتىجىسى بىلەن 3- ئورۇنغا ئۆتتى. شەندۇڭ، لياۋنىڭ، بېيجىڭ كوماندىلىرى ئوخشاشلا 16 مەيدان ئۇتۇش، يەتتە مەيدان ئۇتتۇرۇش نەتىجىسى بىلەن 4-، 5-، 6- ئورۇنغا تىزىلدى. گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىنىڭ دەسلىپىدە «ھال ئوقىتى» دېگەندەك ياخشى بولمدى، ئۇلار 15 مەيدان ئۇتۇش، سەككىز مەيدان ئۇتتۇرۇش نەتىجىسى بىلەن 7- ئورۇندا تۇرۇپ قالدى.
شىنجاڭ «ئۇچار يولۋاس» كوماندىسى 30- دېكابىر ۋە 1- يانۋار داۋاملىق ئۆز مەيدانىدا مۇسابىقە ئويناپ، رەت تەرتىپتە 11- ئورۇندا تۇرۇۋاتقان فۇجيەن كوماندىسى ۋە كەينىدىن سانىغاندا 1- ئورۇندا تۇرۇۋاتقان فۇجيەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ئىشىنىشكە بولىدۇكى، «ئۇچار يولۋاس» كوماندىسى بۇ پۇرسەتلەرنى قولدىن بەرمەي، ئۆز مەيدانىدا يېڭىلمەسلىك قەدىمىنى تېخىمۇ ئۇزارتىدۇ، ئەلۋەتتە.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved