بۇرۇن، تەنھەرىكەت پەقەت كىچىك دائىرىدىكى ئىش ئىدى، لېكىن تاقالما ئۈسكۈنە ۋە ئالاقىدار يانفۇن دېتاللىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، تەنھەرىكەت «دوستلار چەمبىرىكى»دىن ئىبارەت بۇ چوڭ دائىرىگە كىرىپ قالدى. تەنھەرىكەتكە ئەھمىيەت بېرىلىشقا ئەگىشىپ كىشىلەر تەنھەرىكەتكە بولغان تەسىرات ۋە نەتىجىلىرىدىن باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالايدىغان بولدى. بۇ ئەسلىدە ياخشى ئىش ئىدى، لېكىن بەرزىدە ئورتاق بەھىرلىنىش كۆز-كۆز قىلىشقا ئايلاندى. بەزىلەر «دوستلار چەمبىرىكى»دە باشقىلارنىڭ يۈگۈرگەن سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ سىناپ كۆرۈشكە ئالدىراپ تۈزۈك مەشىق قىلمايلا مارافونچە يۈگرۈشكە قاتنىشىپ ئاخىرى يولدا ھۇشىدىن كەتكەن. بەزىلەر «دوستلار چەمبىرىكى»دە مۇسكۇلىنى نامايان قىلغانلارنى كۆرۈپ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ بىر كۈچەپلا نەچچە يۈز زوڭزىيىش ھەرىكىتىنى ئىشلىگەن، ئاخىردا دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان. بەزىلەر باشقىلارنى دوراپ «دوستلار چەمبىرىكى »دە ماڭغان قەدەم سانىنى چىقارغۇسى كەلگەن، بىراق ھەرىكەت مىقدارى يېتەرلىك بولمىغان شۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى ئىشى بولمىسىلا قەدەم ھېسابلاش ئۈسكۈنىسىنى تەۋرىتىپ، ھەتتا كۆچۈرمىچىلىك يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ «بىرىنچى بولۇش»ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان. بۇ ئىشلار ئاڭلىماققا كۈلكىلىك ۋە بىمەنىلىك تۇيۇلسىمۇ لېكىن ھەقىقىي يۈز بەرمەكتە. بۇ ئىشلارنىڭ كۈلكىلىك بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا« دوستلار چەمبىرىكى»گە باغلىنىپ قالغان. ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى ئەسلى ساغلاملىق ۋە خۇشاللىق ئۈچۈن ئىدى، لېكىن ھازىر كۆز-كۆز قىلىش ۋە سېلىشتۇرۇش بولۇپ قالدى؛ ئەگەر ھەرىكىتىڭىز قارىغۇلارچە قوغلىشىش، ھەتتا ساختىپەزلىك قىلىش ئۈچۈن بولسا ئۇنداقتا تولىمۇ ئەخمىقانىلىق بولىدۇ. باشقىلار مەشىق قىلىۋاتقان ھەرىكەتنىڭ ھەممىسىنىڭ سىزگە ماس كېلىشى ناتايىن.
ھەرىكەت قىلغان سۈرەتلىرىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشسىڭىز بولىدۇ لېكىن ئابرۇيپەرەس بولماڭ.ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى «دوستلار چەمبىرىكى»دە زادى قانچىلىك ماختاش ۋە ھەۋەسكە ئېرىشىشدە ئەمەس بەلكى ھەرىكەت ئارقىلىق ساغلاملىققا ۋە خۇشاللىققا ئېرىشىشتە.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved