1-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 ئەتراپىدا، يۈلىن شەھىرى شېنمۇ ناھىيەسى سۈنجياپېن بازىرى ليۇجياماۋ كۆمۈر كانىدا قۇدۇق گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى. دەسلەپكى دەلىللەشكە ئاساسلانغاندا، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7:00 دە، 49 نەپەر كان ئىشچىسى قۇدۇق ئاستىغا چۈشكەن، قۇدۇقتا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى بايقالغاندىن كېيىن، كۆمۈر كان تەشكىلى دەرھال ئادەم تەشكىللەپ قۇدۇق ئاستىدىكى ئىشچىلارنى قۇدۇق سىرتىغا ئېلىپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇردى، نۆۋەتتە، 38 نەپەر ئىشچى بىخەتەر ھالدا قۇدۇق سىرتىغا ئېلىپ چېقىلدى، يەنە 11 كىشى يەنىلا قۇدۇق ئاستىدا تۇرماقتا.
سائەت 10:35 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنمۇ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ناھىيەلىك كۆمۈركان ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، دوكلاتتا سائەت 9:00 دا سۈنجياپېن بازىرى ليۇجياماۋ كۆمۈر كانىدا قۇدۇق گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى ئېيتىلغان. دوكلاتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، شېنمۇ ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى دەرھال مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى باشلاپ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. دوكلاتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئۆگىنىش قىلىۋاتقان يۈلىن شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسى خۇ جىچياڭ بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشنى، ئىلمىي بولغان قۇتقۇزۇش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىشنى، تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىپ قۇدۇق ئاستىدىكى ئىشچىلارنى قۇتۇلدۇرۇشنى، قايتا خەتەر يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. شەھەر باشلىقى ۋېي جۈندوڭ دەرھال ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
نۆۋەتتە، يۈلىن شەھىرى ۋە شېنمۇ ناھىيەسى «1.06» كۆمۈركان ۋەقەسى بىرلەشمە قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزى قۇرۇپ، تېخنىك، قۇتقۇزۇش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، داۋالاش، ئۇچۇر، ئارقا سەپ كاپالىتى ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت يەتتە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلدى. ليۇجياماۋ كۆمۈر كانى بولسا خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كۆمۈركان بولۇپ، ماشىنىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىلگەن كۆمۈركان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، نۆۋەتتە بۇ كان بىرلەشمە شەكىلدە تىجارەت ئېلىپ بارماقتا. دەسلەپكى دەلىللەشكە ئاساسلانغاندا، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7:00 دە، 49 نەپەر كان ئىشچىسى قۇدۇق ئاستىغا چۈشكەن، قۇدۇقتا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى بايقالغاندىن كېيىن، كۆمۈر كان تەشكىلى دەرھال ئادەم تەشكىللەپ قۇدۇق ئاستىدىكى ئىشچىلارنى قۇدۇق سىرتىغا ئېلىپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇردى، نۆۋەتتە، 38 نەپەر ئىشچى بىخەتەر ھالدا قۇدۇق سىرتىغا ئېلىپ چىقىلدى، يەنە 11 كىشى يەنىلا قۇدۇق ئاستىدا تۇرماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved