پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
تۈنۈگۈن ئادىداس شىركىتى رەسمىي ھالدا ھەرقايسى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ 2015-يىللىق يېڭى نۇسخىدىكى ساھىبخان مەيدان كىيىمىنى ئېلان قىلدى. بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ھۇجۇمچىسى مېسسى، مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى دىمارىيا ۋە توتىنھام نەشتەر كۇلۇبىنىڭ يان ھۇجۇمچىسى رامىللا يېڭى نۇسخا كىيىمنىڭ مودىلى بولدى.
بۇ نۇسخا كىيىم يەنىلا ئەنئەنىۋى بولغان كۆك-ئاق رەڭدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ، بۇ يىل 3-ئايدا ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى ـىللاندىيە بىلەن بولغان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى يېڭى نۇسخا كىيىمنى كىيىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئارگېنتىنا كوماندىسى ئوخشاشلا بۇ يېڭى جەڭ كىيىمىنى كىيىدۇ.
بۇ نۇسخا كىيىم ئازراق كىلاسسىك كونىلىقنى قايتۇرۇش ئۇسلۇبىدا لاھىيىلەنگەن بۇلۇپ ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ 1991-يىلىدىكى جەڭ كىيىمىغا بەكلا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارگېنتىنا كوماندىسى شۇ يىلى ئامېرىكا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved