مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت ئورگانلىرىغا يوللاشقا بولىدۇ

        دۆلەت خىزمەتچىلىرى مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىشىپ، قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلسا نازارەت ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىشقا بولىدۇ

      تارماقلار ئارا خىزمەتكە ماسلاشماسلىق قاتارلىق 11 تۈرلۈك قىلمىش مەلۇم قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

      تۆنۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەنگوڭتىڭى «بېيجىڭ شەھىرىدىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنىڭ يىپ ئۇچىنى نازارەت ئورگانلىرىغا يوللاش چارىسى» (تۆۋەندە «چارە» دەپ قىسقارتىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، تارماقلار ئارا ماسلىشىش خىزمىتىنى قوللىماسلىق، مەمۇرىي ئىجراغا توسقۇنلۇق قىلىش، قائىدىگە خىلاپ ھالدا تەستىقلاش تۈرلىرى تەسىس قىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىشىپ، قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلىش، يۈتۈۋېلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش قاتارلىق مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق 11 تۈرلۈك قىلمىشنى ئايدىڭلاشتۇردى، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى يوق بولغان ئىشلارنى نازارەت ئورگانلىرىغا يوللاش لازىم.

   «چارە» چەكلەپ تۇرىدىغان ئاساسلىق كىشىلەر توپى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى، دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى تەيىنلىگەن باشقا خادىملار، قانۇن-قائىدىلەر ھوقۇق بەرگەن ئاممىۋىي ئىشلارنى باشقۇرۇش فۇنكىسسىسيەسىگە ئىگە تەشكىلاتلار ۋە ئۇنىڭدا ئاممىۋىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار، دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرى قانۇن بويىچە ھاۋالە قىلغان ئاممىۋىي ئىشلارنى باشقۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەشكىلات ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملا «چارە»نىڭ چەكلەش دائىرىسى ئىچىدە.

   تۆۋەندىكى مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت ئورگانلىرىغا يوللاشقا بولىدۇ:

ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەردە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار ياكى ۋەزىپىسىنى جايىدا ئادا قىلىشى يېتەرلىك بولمىغانلار؛

ھۆكۈمەت بېكىتكەن تارماقلار ئارا قانۇن-قائىدە بويىچە ئۆز ئارا قوللاش- ھەمكارلىشىش كېرەك بولغان ئىشلاردا قوللىمىغان، ھەمكارلاشمىغانلار؛

مەمۇرىي ئىجرا مەسئۇلىيىتىدىكى ھوقۇق دائىرىسى ۋە ئاساسى بويىچە ئىجرا قىلمىغانلار ياكى مەمۇرىي ئىجرا تەرتىپىگە خىلاپ ھالدا قانۇن ئىجرا قىلغانلار؛

نورمال مەمۇرىي ئىجرا خىزمىتىگە ماسلاشمىغان ھەتتا توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى ئومۇمىي تىزىملىكىنى ئىجرا قىلمىغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىنى تەسىس قىلغانلار ھەمدە بىكار قىلىنىپ بولغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرىگە قارىتا شەكلى ئۆزگەرگەن تەستىقلاش تەسىس قىلغانلار ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى، شارائىتى ۋە تەرتىپىگە خىلاپ ھالدا مەمۇرىي تەستىقلاش ئېلىپ بارغانلار؛

خىزمەت پوزىتسىيەسى ناچار ھەمدە كۆز بويامچىلىق قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىشىپ، قۇرۇق تالاش-تارتىش قىلغانلار، ھورۇنلۇق-سۆرەلمىلىك قىلغانلار، يۈتۈۋېلىش، ئېلىۋېلىش، قىسىۋېلىش، تەلەپ قىلىش قاتارلىق ناتوغرا قىلمىشلار مەسىلىسى بارلار؛

ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، خېرىدار چاقىرىش، مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش قاتارلىق مالىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىش سادىر قىلغانلار.



خەتكۈچلەر:
17-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
23-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      نىيويوركتىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، «پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتى» (The Beatles) نىڭ باش ناخشىچىسى جون لېنوننىڭ قوليازما ناخشا تېكىستى ...
23-05-2016
فەن بىڭ بىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى 2016-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى، شىنجاڭ. كىنو چولپىنى فەن بىڭ بىڭ مەلۇم سودا پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، فەن بىڭ بىڭ ئۆرۈمە چېچىنى ئوينىتىپ، كۆرگەزمە...
Powered by Leglek