ۋالۇنسىيا توپچىلىرى سەپكە تىزىلىپ خان مادرىد كۇلۇبىغا ھۆرمەت بىلدۈرمەكچى

پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

بېيجىڭ ۋاقتى دۈشەنبە كېچە سائەت 0 دە خان مادرىد كۇلۇبى 2015-يىلىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسدە مېھمان بۇلۇپ ۋالۇنسىيا كۇلۇبى بىلەن ئۇچرىشىدۇ. « ئاس گېزىتى » نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ۋالۇنسىيا كۇلۇبى مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن سەپكە تىزىلىپ دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنى خان مادرىد كۇلۇبىنى كۈتىۋالدىكەن.

 

« ئاس گېزىتى » : ۋالۇنسىيا كۇلۇبى سەپكە تىزىلىپ خان مادرىد كۇلۇبىنى كۈتۈۋالىدۇ.

2014-يىلىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى رەسمىي مۇسابىقىدە خان مادرىد كۇلۇبى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 2-0 نەتىجە بىلەن سان لورۇنسو كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىغا ئېرىشتى.ۋالۇنسىيا كۇلۇبى بىلەن خان مادرىد كۇلۇبى بىلەن بولغان مۇسابىقىسى خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋالۇنسىيا كۇلۇبى مۇسابىقىدىن بۇرۇن سەپكە تىزىلىپ خان مادرىد كۇلۇبىغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرمەكچى بولغان.

 

2011-يىلىمۇ ۋالۇنسىيا كۇلۇبىنىڭ مۇشۇنداق بىر قېتىملىق سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش ھەرىكىتى يۈز بار بولغان. خان مادرىد كۇلۇبى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ۋالۇنسىيا كۇلۇبى بىلەن خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقىسى بار ئىدى. مۇسابىقىدىن ئىلگىرى ۋالۇنسىيا كۇلۇبى توپچىلىرى سەپكە تىزىلىپ خان مادرىد كۇلۇبىغا ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەنىدى. بىراق مۇسابىقە جەريانىدا خان مادرىد كۇلۇبى ۋالۇنسىيا كۇلۇبىغا قىلچە يۈز خاتىرە قىلماستىن 6-3 نەتىجە بىلەن ۋالۇنسىيا كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلغانىدى.

 

2009-يىلى ۋە 2011-يىلى بارسېلونا كۇلۇبىمۇ دۇنيا كۇلۇبلار لڭڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشكەن. بىراق ئەينى چاغدىكى بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇلى گۇاردىئولا تاللىشى ئوخشاش بولمىغان. 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى بىليالار كۇلۇبى بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ساھىبخان مەيدانى نوكامپۇردتا ئۆزلۈكىدىن سەپكە تىزىلىپ بارسېلونا كۇلۇبىغا ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن. 2012-يىلى بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىسى شاھلىق لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئوسپىتالىت كۇلۇبى بىلەن ئۆتكۈزۈلەتتى. بىراق گۇاردىئولا مۇسابىقىدىن بۇرۇن ئۆزلىكىدىن رەقىبىنىڭ ئۆزلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشىنى رەت قىلغان. « بىز ياپونىيەدە ئاللىقاچان ھۆرمەت بىلدۈرۈشكە ئېرىشىپ بولدۇق. بۇنداق مۇراسىملەرنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق. بىز يڭدۇق، ئىككى كۈن تەبرىكلىدۇق. ئەمدى بىزنىڭ يەە ئوينايدىغان يېڭى مۇسابىقىمىز بار.» ئەينى چاغدا گۇاردىئولا مۇشۇنداق ئىپادە بىلدۈرگەنىدى.

 

خان مادرىد كۇلۇبى بىلەن ۋالۇنسىيا كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقىسىنىڭ باش رېپىرى مانسانو. خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇلى ئانچىلوتتىغا نىسبەتەن مانسانو ئامەت ئېلىپ كېلىدىغان رېپىر. مانسانو جەمئى ئالتە قېتىم ئانچىلوتتى مەشقاۋۇللۇقىدىكى خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقىسىگە رىپىرلىق قىلغان بۇلۇپ بۇ مۇسابىقىلەردە خان مادرىد كۇلۇبى بەش مەيدان ئۇتۇپ بىر مەيدان تەڭلەشكەن. بۇ مۇسابىقە پەسلىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىسپانىيە دۆلەت دېربىسىدا مانسانو رىپىرلىق قىلغان. كىرىستىيانو رونالدو مانسانو بۇيرۇپ بەرگەن نۇقتا توپ بىلەن بارسېلونا كۇلۇبى بىلەن تەڭلەشكەن ۋە ئاخىرىدا بارسېلونا كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلغان.



خەتكۈچلەر:
04-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
26-05-2016
    نېيمار بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بارسېلونا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق بارسېلونا كۇلۇبىدا قالىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مېسسىنىڭ ھەقىقى 1-نومۇ...
Powered by Leglek