نىيۇ يورك شەھىرى ئامېرىكىدا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىشتا ئەڭ ئۈنۈمگە ئېرىشكەن چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى

ئامېرىكىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرى ئامېرىكىدا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىشتا ئەڭ ئۈنۈمگە ئېرىشكەن چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى. ھازىر نىيۇ يوركتىكى ئاممىۋى سورۇنلار ئالايلۇق: ئىشخانا، ئاشخانا، مەيخانا قاتارلىق ئۆي ئىچى سورۇنلىرىدا تاماكا چېكىلمەيدۇ؛ باغچە، مەيدان ، دېڭىز ساھىلى قاتارلىق جايلاردىمۇ شۇنداق. 2013-يىلى نىيۇ يوركتا قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى %16.1، ئامېرىكا بويىچە %18 تۆۋەنلىگەن. نيو يوركتا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىشتا مۇھىم نۇقتا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش قانۇن بەلگىلىمىلىرىنى ئېلان قىلىش، تاماكىدىن ئېلىنىدىغان باجنى ئېغىرلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تەلىم تەربىيەنى كۈچەيتىش، كىشىلەرنى پۈتۈن جەمئىيەتتە تاماكا چېكىشكە قارشى تۇرۇش ئورتاق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەشكە قارىتىلدى.
نىيۇ يوركتا 1988-يىلى ئىشخانا ۋە كۆپلىگەن ئاشخانىلاردا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش قانۇنى تۈزۈلدى. 2003-يىلى ئامېرىكا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئۆي ئىچى تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش دائىرىسىنى ئىشخانىلاردىن تەدرىجىي ماگىزىن، ئاشخانا، مەيخانا قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلارغا كېڭەيتتى. 2009-يىلى ئۆي سىرتىدىكى ئاممىۋى سورۇنلىرىغا كېڭەيتتى.
2002-يىلى مېچىل بىلومبېرىگ نىيۇ يورك شەھىرىنىڭ باشلىقى بولۇپلا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش تەدبىرىنى ئىلگىرى سۈردى، تاماكا بېجىنى كۆپەيتىش ئۇنىڭ ئاساسلىق تەدبىرلىرىنىڭ بىرى بولدى. شۇ يىلى 7-ئايدا نىيۇ يوركتا تاماكا تىجارەت بېجى ھەر قاپ سىگارتنىڭ 0.08 ئامېرىكا دوللىرىدىن 1.5 ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپەيتىلدى. تاماكىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىمۇ %32 ئۆرلىدى.
شۇنىڭدىن باشلاپ نىيۇ يوركتا بەنگىلەرنىڭ نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. ئامېرىكا كېسەلنى تىزگىنلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ تەھلىلىدە تاماكا بېجىنى كۆپەيتىشتىن باشقا ، بەنگىلەرنىڭ ئازىيىشى تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىگە ئائىت تەشۋىقات ۋە تەلىم تەربىيەنى پائال قانات يايدۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. نىيۇ يورك شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاممىۋى تەلىم تەربىيەنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تاماكا چېكىش ۋە ساغلاملىقنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە شەھەر بويىچە تاماكا چېكىش نىسبىتى مەلۇماتىنى قەرەللىك ئېلان قىلغان. 2004-يىلى نىيۇ يورك شەھىرىدە تاماكا چېكىش نىسبىتى %21.5 دىن %18.4 گە تۆۋەنلىگەن، 200 مىڭغا يېقىن بەنگە ئازايغان.
2005-يىلى نىيۇ يوركتا تاماكا چېكىش نىسبىتىدە يەنە تۆۋەنلەش ئالامىتى كۆرۈلمىگەن. 2006-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بىر ئاي تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش تەشۋىقات پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق تاراتقۇلاردا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش ئېلانلىرى بېرىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە تېلېۋىزور ئېلانلىرىنى كۆرۈش نىسبىتى ئادەتتىكى ئېلاندىن زور دەرىجىدە يۇقىرىلىغان بولۇپ، تاماكا چېكىشنىڭ ئۆپكە، قان تومۇر ۋە چوڭ مېڭىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئائىت سۈرەتلەر كۆرسىتىلگەن ۋە تاماكا چېكىش بىلەن كېسەللىك، ئۆلۈمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى؛ تاماكا چېكىشنىڭ بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. شۇ يىلى بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ بەنگىلەرنىڭ سانى بىر ئاز ئازايغان.
ئۇندىن باشقا نىيۇ يورك قانۇن چىقىرىپ تاماكا تىجارىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى چىڭىتتى. جۈملىدىن تاماكا ئېلانلىرىنى مەنئى قىلدى. تاماكا قېپىغا ساغلاملىققا زىيانلىق دېگەن خەتنى بېسىشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسىدا تاماكا سېتىش مەنئى قىلىندى ھەمدە 21 ياشتىن تۆۋەن ياش ئۆسمۈرلەرگە تاماكا سېتىش مەنئى قىلىندى. شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى يەنە تاماكا تاشلاش تېلېفونى تەسىس قىلىپ،تاماكا تاشلاشقا مەسلىھەت بەردى ۋە ھەقسىز بۇيۇملار بىلەن تەمىنلىدى. ھەمدە مۇتەخەسسىسلەرنى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تاماكا تاشلاشقا ئالاقىدار لېكسىيە سۆزلەشكە قەرەللىك ئۇيۇشتۇردى.
تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش قانۇن بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ساقچى قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىنىڭ مەجبۇرى ئىجرا قىلىشىغا باغلىق بولمايلا قالماستىن، ئەل ئارىسىدىكى كۈچلەرمۇ نىيۇ يوركتا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. نىيۇ يوركتا باغچە قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چەكسە 300 ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇلىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋالدا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىن باشلاپ، ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تاماكا چېكىشكە قارشى ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇنىڭ جايلاردىكى شۆبىلىرى بارلىققا كەلدى. ئۇلار تەشۋىقات ۋە تەلىم تەربىيەدىن ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش قانۇنىنى چىقىرىش ئۈستىدە تەدرىجىي ئىزدەندى. ئالايلۇق، تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ ھوقۇقى تەشكىلاتى نىيۇ يوركتا ئۆي ئىچىدە تاماكا ئىسى بولماسلىق پائالىيىتى ۋە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تاماكا چېكىشىنى مەنئى قىلىش تەربىيەسىنى پائال قانات يايدۇردى. مەھەللىلەردە قانداق قىلغاندا ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش ھەققىدە تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئاچتى.



خەتكۈچلەر:
09-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، برازىلىيەنىڭ پىلان مىنىستىرلىقىغا يېڭىدىن تەيىنلگەنگەن رومېرو جوكاس ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 10 كۈندىن كېيىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. بۇنىڭ سەۋەبى جوكاس زۇڭتۇڭ روس...
26-05-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 26- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تايلاندتىكى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ يەرلىك ساقچىلارنىڭ ئۇچۇرنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، تايلاندىكى ...
26-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنىرگىيەلىك ئايروپىلان «قۇياش نۇرى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى 2-نومۇر» ئامېرىكىنىڭ ئوخايو شىتاتىدىن پېنسىلۋانىيە شىتاتىغا قاراپ ئۇچقان بولۇپ، ئۇچقۇچى پىككارد بېرتىر...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرىتسىيە «كۈندىلىك گېزىت» (Kathimerini) تە...
26-05-2016
    بۇ 2016- يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر چاي ئىچۈرۈش سۈرەتلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان نادىر سۈرەتلەر بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سۈرەتلەر ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان.
26-05-2016
    پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورى 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: تەيۋەن تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مالايسىيادىكى 15 ياشلىق ئۆسمۈر سالىرنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ قورسىقى ئالاھىدە چوڭ بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىسىدىكىلەر غەيرىلىك ھې...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 26- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 26- ماي سەھەردە بومباي شەھىرىدىكى بىر خىمىيە-سانائەت زاۋۇتىدا كۈچلۈك پارتلاش يۈز بەرگەن. ي...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق بىر ئايال ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تۈرمىگە...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋېيتنامدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئال...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فىدىراتىپ بىخەتەرلىك يىغىنىنىڭ باش كاتىپى نىكولاي پاترۇشېۋ (Nik...
Powered by Leglek