جۇڭگو، مالايسىيە، ئاۋسترالىيە ئەمەلدارلىرى 5-ماي ئاۋسترالىيەدە ئۈچ تەرەپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مالايسىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى يېڭى باسقۇچلۇق ئىزدەش خىزمىتىگە ئىزاھات بەردى.
جۇڭگو تەرەپ مۇنداق دېدى: يېڭى باسقۇچلۇق ئىزدەش ھەرىكىتىدە، جۇڭگو باشقا دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدۇ. يېڭى باسقۇچتىكى ئايروپىلاننى ئىزدەش خىزمىتىنىڭ نىشانىدىكى دېڭىز دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىلىدۇ، ۋەزىپە تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.
ئاۋسترالىيە تەرەپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىزدەش گۇرۇپپىلىرى تۆت مىليون كىۋادرات كىلومېتىرلىق دائىرىدىكى دېڭىزنى ئىزدىدى، ئايروپىلاننى ئىزدەش خىزمىتى يېڭى باسقۇچقا كىردى.
مالايسىيەنىڭ مۇۋەققەت قاتناش مىنىستىرى ھىسامىدىن مۇنداق دېدى: دۆلەت مۇداپىئە، ئاممىۋى ئاۋىياتسىيە تەرەپلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ۋەقەنى تەكشۈرمەكتە. يېڭى باسقۇچتىكى ئىزدەشكە كېتىدىغان خىراجەتنى 7-ماي كېڭىشىمىز. ئاۋسترالىيەنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ باسقۇچقا كېتىدىغان خىراجەت 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved