Google شىركىتى خوجايىنىنىڭ شەخسىي قىزىقىشلىرى قانداق قىلىپ شىركەتنىڭ كەسپىگە ئايلاندى؟

         چارلېس چەيس (CharlesChase) بولسا بىر نەپەر ئېنژىنىر بولۇپ، لۇكېد مارتىن (Lockheed Martin Space Systems Company) شىركىتىدە بىرىكىش رېئاكسىيىسى تۈرىگە مەسئۇل ئىدى، ئۇ ئۈچ يىل ئىلگىرى گۇگېل شىركىتىنىڭ SolveforX يىغىنىدا ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ قالغان. قارشى تەرەپ زوڭزىيىپ ئولتۇرغان ھالدا ئۇنىڭ بىلەن 20 نەچچە مىنۇت سۆزلىشىپ ئۈزلۈكسىز يادرو بىرىكىش رىئاكسىيىسى تەتقىق قىلىپ ئېچىش توغرىسىدا، يەنە قۇياشقا تەقلىد قىلىپ پاكىزە ئېنىرگىيە مەنبەسى ئېچىش، بۇ خىل تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا قانچىلىك ۋاقىت ھەم مەبلەغ كېتىدىغانلىقى، قانداق تېخنىكلارغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بارغان. ئۇلار مۇنازىرىلىشىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن قارشى تەرەپنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى سوراشنى ئەسكە ئالغان.

        قارشى تەرەپ مۇنداق جاۋاب بەرگەن:«مېنىڭ ئىسىم لاررىي پەج (LarryPage)». ئەنە شۇ چاغدىلا، چارلېس ئىسىملىك بۇ ئېنژىنىر ئۆزىنىڭ باياتىن گۇگېل شىركىتىنىڭ ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بىلەن مۇنازىرىلەشكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن.

       لاررىي پەج بولسا ناھايىتى تىپىك شىركەت باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇپ، ئادەتتە نۇرغۇنلىغان شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ ۋاقتى مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن يىغىن ئېچىش ياكى مۇنبەردە تۇرۇپ ئۆز شىركىتىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتىنى كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇش بىلەن ئۆتىدۇ، لېكىن لاررىي پەج  بولسا 2013-يىلىدىن باشلاپلا گۇگېل شىركىتىنىڭ مالىيە دوكلاتى تېلېفون يىغىنىغا قاتنىشىپ باقمىغان بولۇپ، لېكىن ئۇنى گۇگېل شىركىتىنىڭ ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان يىللىق پىروگراممىرلار يىغىنىدا ئۇچراتقىلى بولاتتى. سىز بۇ خىل يىغىنلاردا ھەرگىزمۇ رەئىس سەھنىسىدىن لاررىي پەجنى ئىزدەپ تاپالمايسىز، بەلكى يىغىن مەيدانىنىڭ قايسى يېرىدە كىشىلەر ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ كەتسە شۇ جايدىن ئۇنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى لاررىي پەج ھەر قېتىم يىغىن مەيدانىدا پەيدا بولغان ھامان ئۇنىڭ مەستانىلىرى ئۇنى ئىزدەپ ئىمزا قويدۇرماقچى بولىدۇ.

     لېكىن ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆپ پەيدا بولماسلىق ھەرگىزمۇ لاررىي پەجنىڭ ئۆزىنى يوشۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى پەج ھەمىشە ماشىنا ئادەم توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن ياكى TED قاتارلىق يىغىنلاردا، يەنە جەمئىيەتتىكى قابىللار يىغىلغان يىغىلىشلارغا قاتنىشىدۇ، ئۇ يەنە شىركەتنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ، شىركەتنىڭ تېخنىكا مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ ياكى كارخانىغا قارىتا تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىدۇ، لاررىي پەج ھەرگىزمۇ كىرىمنىيدىكى تۇنجى بولۇپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى قاچۇرغان رەھبەر ئەمەس، باشقا كىشلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، لاررىي پەجنىڭ كۆپىنچە ۋاقتى ئاساسەن شىركەتنىڭ يادرولۇق كەسپىگە ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا سەرپ قىلىنىدۇ.

       لاررىي پەج يەنە Alphabet ئارقىلىق تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئىلگىرىلىمەكچى بولغان. Alphabet بولسا پاي چېكى كونتىرول قىلىنىدىغان شىركەت بولۇپ، بۇ شىركەت گۇگېلنىڭ ئەڭ كۆپ پۇل تاپالايدىغان ئېلان كەسپى بىلەن سانى كۆپ، لېكىن پايدا يارىتالمايدىغان كەسىپلىرى (مەسىلەن شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنا كەسپى) نى ئايرىۋېتىپ، گۇگېل شىركىتنىڭ تۇغى ئاستىدىكى شىركەت ۋە كەسىپلەرنى ئاساسلىقى بىئو تېخنىكىسى، ئېنىرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى، ئالەم بوشلۇق ساياھىتى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار شۇنداقلا شەھەر پىلانلاش قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەرگە يىغىنچاقلىغان. بۇ يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، يۇقارقى يېڭى قۇرۇلغان شىركەت (Alphabet شىركىتىنى دېمەكچى) ئۆزىنىڭ 4-پەسىللىك مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم گۇگېل شىركىتىنىڭ يادرولۇق كەسىپلىرىدىن باشقا تۈرلەرنىڭ سېلىنمىسى ۋە كىرىمىنى ئاشكارىلايدۇ.

     Alphabet شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لاررىي پەجنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا شىركەتنىڭ نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق ئېلان كىرىمىنى قانداق قىلىپ يېڭى شىركەت ۋە يېڭى ساھەلەرگە نەپ يەتكۈزىدىغان قىلىش ئىدى. ئۆتكەن يىلى گۇگېل شىركىتىنى قايتا تەشكىللەش ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، لاررىي پەج گۇگېلنىڭ يەنە بىر نەپەر ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىسى-سېرگىي بىرىن (SergeyBrin) بىلەن بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىشقا ئەرزىيدىغان ئادەم ۋە تېخنىكىلارنى ئىزدەش، شۇنداقلا گۇگېل شىركىتىنىڭ كۆلىمىنى كىچىكلىتىپ، ھەر قايسى تارماق شىركەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە مۇستەقىل ھوقۇق بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

       لاررىي پەجنىڭ قىزىقىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. ئۇ مېچىگان ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا قۇياش ئېنىرگىيىلىك ماشىنا تەتقىق قىلىپ چىققان، شۇنداقلا مۇزىكا بىرىكتۈرگۈچمۇ ئىشلەپ باققان شۇنداقلا مەكتەپكە ئۇنۋېرسىتىت ئىچىدە ئىشلىتىلىدىغان تىرامۋاي تەسىس قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن. لاررىي پەج 1995-يىلى سىتانفورد ئۇنۋېرسىتىتىغا كېلىپ دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقاندا بىر تالاي تەتقىقات پىلانىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنا تېخنىكىسى شۇنداقلا ئۇلىنىشتىن ھالقىغان دەرىجىدىكى تور ئىزدەش سۈرئىتىنى تېزلىتىش قاتارلىقلار بار ئىدى.



خەتكۈچلەر:
27-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
Powered by Leglek