يېقىندا ئاۋسترالىيەلىك تاماكا ماگناتى Travers Beynon ئىجتىمائىي ئالاقە تورى Instagram دا ئۆزىنىڭ ‹‹ئەرمەك›› ماشىنىسى، ئالتۇن ھەل بېرىلگەن لەمبورگىنى مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلغان. ‹‹دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماشىنا›› دەپ ئاتالغان بۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ ئارقا دېرىزە ئەينىكىگە يەنە ئۇنىڭ تاماكا شىركىتىنىڭ بەلگىسى چاپلانغان.
گەرچە بۇ ئاپتوموبىلنىڭ باھاسى ۋە ئىشلەنگەن دۆلىتى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئوخشاش تىپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ دۇبەيدىكى باھاسى 7.5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 48 مىليون يۈەن) بولغان. ھالبۇكى، بۇ ماشىنا Travers Beynon نىڭ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكى پەقەت بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ قولىدا يەنە فېررارىي، روللس رويىس، بېنز، ئاۋدى، خارلېي داۋىدسون قاتارلىق داڭلىق ماركىلىق ھەشەمەتلىك ماشىنىلار بار ئىكەن.
ئۇ بىر قىسىم ھەشەمەتلىك ماشىنا، سۇ ئۈزۈش كىيىمى، يىغىلىش قاتارلىق ھەددىدىن زىيادە ھەشەمەتچىلىك ۋە بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلاپ، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئىسراپخورلۇقىغا بولغان نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ئاۋسترالىيەلىك بۇ تاماكا ماگناتىنىڭ قىممىتى 10 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان ھەشەمەتلىك ئۆيى، ساناقسىز ھەشەمەتلىك ماشىنىسى، ئەتراپىدا نۇرغۇن ساھىبجاماللار بولۇپ، دائىم ھەشەمەتلىك يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزىدىكەن.
بۇ مىلياردېرنىڭ يەنە دېڭىز بويىدا دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەت داچىسى بولۇپ، مەخسۇس يىغىلىش ئۆتكۈزۈشكە ئىشلىتىدىكەن ھەمدە يىغىلىشقا سۇ ئۈزۈش كىيىمى كىيگەن ساھىبجاماللارنى تەكلىپ قىلىدىكەن.
ئۇ يەنە توردا بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىپ، ‹‹ئالتۇن چاچلىق قىز دوستى ۋە ساھىبجامال ئايالىنى ئىت ئورنىدا يېتىلىگەن›› سۈرەتنى ئېلان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ئۇنىڭ ئالدىنقى قىز دوستى، ئالتۇن چاچلىق ساھىبجامال Kirsty Engelmann بۇرۇن Travers Beynon نىڭ تاماكا شىركىتىدە ئىشلىگەن بولۇپ، كۈتۈۋېلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئىشتىن سىرت خوجايىننىڭ ئاشنىسى بولغان. توردا ئېلان قىلىنغان سۈرەتتە، Travers Beynon نىڭ ئايالى ۋە Kirsty Engelmann بىكىنى كىيىم بىلەن يەردە تۆت پۇتلاپ ماڭغان بولۇپ، ئۇ بۇ قىلىقسىز سۈرەتنى كۆرسىلا ناھايىتى بىئارام بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved