رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن تېلېفونلاشتى، ئىككى تەرەپ ئۇكرائىنا مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەشكەندە مىنىسكى كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. لاۋروف بىلەن كېررى تېلېفوندا مىنىسكى كېلىشىمىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى يىغىنىنى تېزدىن ئېچىشنى، ئالاقە گۇرۇپپىسى يىغىنى رامكىسىدا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئەل ئارا تەشكىلاتلار بىلەن كىيېۋنىڭ بىۋاسىتە ، مۇقىم سۆزلىشىشىنى قوللىدى. ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش، بولۇپمۇ ئاھالىلەر رايونىنى توپقا تۇتۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەرقايسى تەرەپلەر بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ، دېدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved