مالايسىيا ئايروپىلانىدا ھادىسىگە ئۇچرىغانلارنىڭ جەسىتىنى مالايسىياغا قايتۇرۇپ كېلىش تەس
جۇڭگو خەۋەر تورى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: چەتئەل تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مالايسىيا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بىلدۈرۈشىچە، مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ MH17 ئايروپىلانىدا ھادىسىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى پىسخىك تەييارلىق قىلىپ قويۇشى كېرەك بولۇپ، چۈنكى ھادىسىگە ئۇچرىغانلارنىڭ جەسىتىنى مالايسىياغا قايتۇرۇپ كېلىش تەس ئىكەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە بارلىق ھادىسىگە ئۇچرىغانلارنىڭ جەسىتىنى تېپىپ بولالمىغان، ھەمدە مۇبادا مالايسىيالىقلارنىڭ جەسىتىنى تاپسا، يەنە چوقۇم جەسىتىنى مۇتەخەسسىسلەرگە گېن تەكشۈرۈشى ئۈچۈن تاپشۇرۇپ بېرىشى، جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن جەسىتىنى مالايسىياغا قايتۇرۇپ كېلىشى كېرەك، خىزمەت باسقۇچى مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى تۇغقىنىنىڭ جەسىتى دۆلىتىگە قايتالماسلىقتەك نەتىجىنى ساقلاپ بولالماسلىقى مۇمكىن.
ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە مالايسىيا ھادىسىگە ئۇچرىغان رايونغا ئالاھىدە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى ئەۋەتكەن، ئاۋسترالىيە ۋە گوللاندىيەنىڭ خادىملرىمۇ داۋاملىق قوشۇلغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش ئەترىتىدە ئادەم سانىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بايقىغان، يەنە كېلىپ ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايوندا بولۇپ، ئاختۇرۇش خىزمىتىنى ئاستىلاشتۇرۇپ تاشلىغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، سۈرىيەنىڭ دالې گېئورگى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قولىدىن دالې گېئورگى دۆلەتلىك دوختۇرخىسىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved