كېلەر يىلى ئالتۇن باھاسى 1000 دوللاردىنمۇ چۈشۈپ كېتىدىكەن

     ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش تەدبىرى ئاخىرى ئۆزىنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىش بېسىمى ئاستىدا، ئالتۇن باھاسى زور دەرىجىدە چۈشۈشكە باشلىدى، نەق ئالتۇننىڭ باھاسى بىر كۈن ئىچىدە %2 چۈشۈپ، 1050 دوللارلىق سەۋىيەمۇ بۇزۇپ تاشلاندى.

    Citiنىڭ ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى داۋىد ۋىلسون مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: يەنىمۇ بىر قەدەم ئۆسۈم قوشۇش بىشارىتى ئامېرىكا دوللىرىغا ھاياتى كۈچ بەخىش ئەتتى، بازار ئاللىقاچان كېلەر يىلى 2~3 قېتىم ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقىنى مۆلچەرلەپ بولدى. مۆلچەرىمىزچە، كېلەر يىلى ئالتۇن باھاسى داۋاملىق چۈشۈپ، 2016- يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىغا بارغاندا ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1000 دوللاردىنمۇ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالىدۇ.

   بۇ يىل ئالتۇن بازىرى ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش بېسىمىغا ئۇچرىغاندىن بۇيان ئالتۇن باھاسى %10 كە يېقىن چۈشۈپ كەتتى. بۇ ھەم ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل چۈشۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالتۇندىن باشقا قىممەتلىك مېتاللارنىڭ ئىپادىسىمۇ ئانچە ياخشى بولمىدى، پورپېزىتنىڭ باھاسى %3 كە يېقىن چۈشۈپ كەتتى، پىلاتىنانىڭ باھاسىمۇ %1.3 چۈشتى.



خەتكۈچلەر:
18-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
27-05-2016
يەر شارى تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو-كورىيە ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى سىئولدا 14- نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورىيە ئىقت...
27-05-2016
خېشۈن تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     5- ئاينىڭ 27- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12 بولغاندا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1217.56 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بېرى 12 دوللار چۈشۈپ كەتت...
Powered by Leglek