جۇڭگو ئالەم قاتنىشى خاتىرە تەڭگىسى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلى يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىم تارقىتىلغان جۇڭگو ئالەم قاتنىشى خاتىرە تەڭگىسىنىڭ قىممىتى ئون يۈەن، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلىنىڭ قەغەز يۈزى قىممىتى 100 يۈەن بولۇپ، 300 مىليون پارچە تارقىتىلىدىكەن ھەم ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان خەلق پۇلى بىلەن ئوخشاش قىممەتكە ئىگە ئىكەن.
خاتىرە پۇل نېمە ۋەجىدىن بۇنچە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ؟ بىر تەرەپتىن، بۇ پۇللار مەلۇم دەۋردىكى ئالاھىدە ۋەقە ۋە ۋاقىتنى نامايان قىلغان بولۇپ، بىر قەدەر يۇقىرى ساقلاش قىممىتىگە ئىگە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ پۇللارنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى چەكلىك بولۇپ، ھەممە كىشىنىڭ ئالماشتۇرالىشى ناتايىن، مەلۇم بىر كىشىنىڭ كۆپ مىقداردا ئالماشتۇرۇۋېلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن پايدىسىنىڭ ئۆرلىشى چوڭ بولىدۇ.
ئەمما كىشىلەر بۇنداق خاتىرە پۇللارنى ئالماشتۇرۇش، سېتىۋېلىش ۋە ساقلاش جەريانىدا يەنىلا ئېھتىياتچان بولغىنى تۈزۈك. چۈنكى خاتىرە پۇللار تارقىتىلىش مىقدارى جەھەتتە مۇئەييەن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، يەنىلا بىر خىل ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىشقا تەۋە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پايدا يارىتىش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا بەزىلەر ئارىدىن پايدا ئېلىش مەقسىتىدە خاتىرە پۇلنىڭ خاراكتېرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى كۆپ مىقداردا سېتىۋېلىپ بېسىپ قويۇپ، باھاسىنى ئۆرلىتىپ سېتىش ئارقىلىق پايدا تاپىدۇ؛ يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خاتىرە پۇلنىڭ راست ياكى ساختىلىقىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ، شۇڭا ئادەتتىكى پۇقرالار بۇ خاتىرە پۇللارنى سېتىۋالغاندا چوقۇم ئېھتىيات قىلىشى، سېتىۋالغاندا چوقۇم مۇنتىزىم بولغان سېتىۋېلىش يوللىرىنى تاللىشى كېرەك.
ھازىرغا قەدەر جۇڭگو خەلق بانكىسى 1999 – يىلىدىكى دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش خاتىرە پۇلى، 2000 – يىلىدىكى يېڭى ئەسىرنى كۈتۈۋېلىش خاتىرە پۇلى، 2008 – يىلىدىكى 29 – نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش خاتىرە پۇلى ۋە بۇ قېتىمقى ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلىدىن ئىبارەت بەش يۈرۈش خاتىرە پۇلى تارقاتقان بولۇپ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ خاتىرە پۇللارنىڭ يىغىپ ساقلاش قىممىتى ئۇنىڭ پايدا يارىتىش قىممىتىدىن يۇقىرى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved