دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13-ئىيۇل گرېتسىيەنىڭ رودوس ئارىلىدا گرېتسىيە زۇڭلىسى ساماراس بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گرېتسىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ ياخشى دوستى. ئىككى تەرەپ بىر بىرنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە نۇرغۇن مەسىلىلەردە بىر بىرنى چۈشىنىشىپ ۋە قوللىشىپ كەلدى، قارشى تەرەپ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ۋە موھتاج بولغاندا ياردەم بېرىپ قويۇق دوستلۇق ئورناتتى. جۇڭگو گرېتسىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قەرز مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق قوللايدۇ ھەمدە گرېتسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىمەن بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئۆزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ساماراس مۇنداق دېدى: گرېتسىيە جۇڭگونىڭ گرېتسىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قەرز كرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشىنى قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، جۇڭگونىڭ ياردىمى ئىككى دۆلەتنىڭ قويۇق دوستلۇقىنى ئىسپاتلىدى. گرېتسىيە جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ ھەمدە جۇڭگونىڭ دۇنيادا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
گرېتسىيە بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشنى رودوس دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى بولغان چەۋەنداز قەلئەسىدە ئۆتكۈزۈشنى ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇردى. شى جىنپىڭ ساماراسنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ قەلئەنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بۇ قەلئە 14-، 15-ئەسىردە قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئەڭ ياخشى ساقلانغان ياۋروپانىڭ ئوتتۇرغا ئەسىردىكى چەۋەنداز قەلئەلىرىنىڭ بىرى.
شى جىنپىڭ قەلئەدىكى ئىگەي ئىنستىتۇتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، مەكتەپنىڭ مەسئۇلى بۇ مەكتەپنىڭ دېڭىز ئوكيان قانۇنى تەتقىقاتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو قەدىمى دېڭىز ئوكيان مەدەنىيىتىگە ئىگە، دېڭىز ئوكيان ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. كىلەر يىلى جۇڭگو بىلەن گرېتسىيەنىڭ دېڭىز ئوكيان ھەمكارلىق يىلى، مەن ئىككى تەرەپنىڭ تىنچلىقتا ھەمكارلىشىدىغان دېڭىز ئوكيان تەرتىپىنى ئورنىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved