جۇڭگونىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى 25-ئاۋغۇست جۇڭگولۇق ئۈچ ئىشچىنىڭ 24-ئاۋغۇست كەچتە تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى شىرناك ئۆلكىسىدە يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، جۇڭگو بىلەن تۈركىيە پائال ماسلىشىپ، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرماقتا.
جۇڭگونىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 25-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: 24-ئاۋغۇست سائەت 21 لەردە، جۇڭگو ماشىنىسازلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى ھۆددىگە ئېلىپ سېلىۋاتقان تۈركىيە شىرناك ئۆلكىسى سىلوپى ناھىيەسىدىكى ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئىش ئورنى قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، جۇڭگولۇق ئۈچ ئىشچى يوقاپ كەتتى.
جۇڭگونىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ خەۋەرنى ئۇققاندىن كېيىن، بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم تېزدىن ھەرىكەت قوللاندى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، جۇڭگونىڭ يوقاپ كەتكەن ئادەملىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش ھەم يۇقىرىقى ئىش ئورنى ۋە باشقا جايلاردىكى جۇڭگو كارخانىلىرى ھەم خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.
جۇڭگونىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تۈركىيە ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا كەڭ كۆلەملىك قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved