جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11-يانۋار تەڭشىلىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىنكى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنى ھەر قايسى تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلدى. سۈرەتتە شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-يانۋار تېلېگراممىسى:جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11-يانۋار تەڭشىلىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىنكى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنى ھەر قايسى تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت، مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ياخشى ئىستراتېگىيە مەسلىھەتچىلىرىدىن بولۇپ، پولاتتەك ئېتىقاد، پولاتتەك ئىشەنچ، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچان ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىنى تېرىشىپ قۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىنى تەڭشەپ تەشكىللەش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىنى تەڭشەپ تەشكىللەش ۋەزىپىسى ئاساسەن ئورۇنلاندى، بۇ-ئارمىيەمىزنىڭ رەھبەرلىك، قوماندانلىق تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىدىكى بەلگىلىك نەتىجە، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا تاشلانغان ھالقىلىق قەدەم.تەڭشەپ تەشكىللەنگەندىن كېيىنكى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىنىڭ تۇنجى قېتىم ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى ئىنقىلابىي ھەربىيلەر ئۆزلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك ساداقەتمەنلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىش، باتۇرلۇق خىسلەتلىرىنى ھازىرلاپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، غەلىبە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۈلگە بولۇپ، جاسارەتلىك روھىي ھالەت بىلەن دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىپ، تارىخقا، دەۋرگە، پارتىيەگە ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى تېرىشىپ يارىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنى رەھبىرى كادىرلىرىنىڭ سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشى بىرىنچى تەلەپ بولۇپ، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپى، سىياسىي ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەيدانىنى پۇختىلاپ، سىياسىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سىياسىيدىكى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن بولۇشى؛ ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك نەزەرىيە سىستېمىسى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يېڭى نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى ئاڭلىق ئۆگىنىپ، ماركسىزملىق مەيدان، كۆز قاراش ۋە ئۇسۇللارنى ئىگىلەپ، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى؛ رۇسلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا دائىم، تەشەببۇسكار، قەتئىي ھالدا رۇسلىنىپ قاراپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى ئىدىيەسىگە يىلتىز تارتقۇزۇش، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇشى؛ ھەربىي ئىشلار كومىتېتى مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان سىياسىي پىرىنسىپ ۋە سىياسىي ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ ۋە چىڭ تۇرۇپ، تەشكىل ئېڭى، بۇيرۇق ئېڭى، ئىنتىزام ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، تۈزۈم بويىچە ئىشلەش، تەرتىپ بويىچە مېڭىش، قائىدە بويىچە بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇشى؛ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىك بىلەن دەرىجە بويىچە ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي، ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتكوم كوللېكتىپى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈش لازىم.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11-يانۋار تەڭشىلىپ تەشكىللەنگەندىن كېيىنكى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنى ھەر قايسى تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلدى. سۈرەتتە شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگىنىنى تەڭشەپ تەشكىللەشتە، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئومۇمىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، ئۇرۇش رايونلىرى ئاساس قىلىنىش، ئارمىيە تۈرلىرىنى ئاساسلىق قۇرۇش ئومۇمىي پىرىنسىپىغا ئاساسەن، باش ئورگان تۈزۈمى كۆپ تارماق تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلگەن، ئەسلىدىكى باش ئىشتاب، باش سىياسىي بۆلۈم، باش ئارقا سەپ تەمىنات بۆلۈمى، باش قورال-جابدۇق بۆلۈمىدىن ئىبارەت تۆت باش بۆلۈم ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىشخانىسى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىرلەشمە ئىشتابى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئارقا سەپ كاپالەت بۆلۈمى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى قورال-جابدۇق تەرەققىيات بۆلۈمى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى مەشىق باشقۇرۇش بۆلۈمى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك بۆلۈمى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى پەن-تېخنىكا كومىتېتى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك پىلان ئىشخانىسى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىسلاھات ۋە ئىشتات ئىشخانىسى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى خەلقئارا ھەربىي ھەمكارلىق ئىشخانىسى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىبارەت 15 فۇنكسىيەلىك تارماققا ئۆزگەرتىلگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved