ياۋرو رايونى گۇرۇھىنىڭ رەئىسى دايسالبۇلۇم تۈنۈگۈن: ياۋرو رايونى گۇرۇھى گىرېتسىيەنىڭ ئىسلاھات تەدبىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا گىرېتسىيەگە ياردەم بېرىش كېلىشىمىنى بۇ يىل 6-ئايغىچە يەنە تۆت ئاي ئۇزارتىشنى قارار قىلدى دېدى.
دايسالبۇلۇم تۈنۈگۈن ياۋرو رايونى گۇرۇھى ئالاھىدە يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋرو رايونى گۇرۇھى گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن مول ئىجابىي سۆھبەتلەشتى، مەن گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقدارلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكىدىن مەمنۇن بولدۇم. گىرېتسىيەنىڭ ھازىرقى ياردەم كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى 28-فېۋرال توشىدىغان بولغاچقا، يېڭىدىن ھاسىل قىلىنغان قۇتقۇزۇش كېلىشىمىدە خەلقئارا ھەقدار بىلەن گىرېتسىيەنىڭ قەرز مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت قولغا كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved