لەگلەك تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى»نىڭ 4-ئاينىڭ 19-كۈنى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېلرۇسىيە پىرېزىدېنتى كالۇسىنكى بۇ ئايدا بىر يېڭى قانۇن ئىمزالىغان.بۇ قانۇندا ئىش ئورنىدىن قالغانلاردىن جەرىمانە ئېلىندىغانلىقى، ھەتتا ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇلدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
يېڭى قانۇنغا ئاساسلانغاندا،بېلرۇسىيە ئىش ئورنىدىن قېلىش ۋاقتى 6 ئايدىن ئېشىپ كەتكەن ئىشسىزلار ھۆكۈمەتكە كەم دېگەندە 252 ئامېرىكا دوللىرى تاپشۇرۇشى لازىم ئىكەن. بۇ پۇلنى تاپشۇرمىغانلار توختىتىپ قويۇلىدىكەن ھەمدە مەھەللە مۇلازىمىتى قىلىشقا مەجبۇرلىنىدىكەن.
بۇ قانۇننىڭ مەقسىتى ساغلام، بېجرىم پۇقرالارنى ئەمگەك قىلشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، پۇقرالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىكەن.قورامىغا يەتمىگەنلەر،ياشانغانلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپى بۇ يېڭى قانۇنغا مۇۋاپىق كەلمەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved