جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 15-چېسلادىكى تېلگىراممىسى، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا ، ئۇيۇن قۇيۇش ۋاستچىلىك شىركىتى AEG بىلەن بولغان ئەرىزدە مەغلۇپ بولغانلىقتىن ، داڭلىق ناخشا چولپىنى جىكسوننىڭ 83 ياشلىق ئاپىسى مەزكۇر شىركەتكە 800 مىڭ يوللار تۆلەم تۆلەشكە ماقۇل بولغان.
AEG شىركىتىنىڭ ئادوۋكاتى 5 ئاي ئۇزۇنغا سۇزۇلغان بۇ ئەرىزدە ئۇتقاندىن كىيىن ، ئەسلىدىكى داۋاگەر جىكسوننىڭ ئاپسىدىن بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ خىراجەت ھەققى بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئەمما جىكسوننىڭ ئادوۋكاتلار ئەترىتى بىلەن كىڭەشكەندىن كىيىن نىسبەتەن سوممىسى تۆۋەنرەك بولغان 800 مىڭ دوللارغا كىلىشكەن.
بۇ كېلشىمنامە يەنىلا مۇشۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك بولغان لوس ئانجېلىس يۇقرى سوت مەھكىمسىنىڭ تەپتىشى پارازۇلىسنىڭ ئېتراپ قىلشىغا ئېرشىشى كىرەك ئىكەن.
2009-يىلى 50 ياشلىق جېكسون ئۆزىنىڭ شەخسى دوختۇرى كارادې مورىنىڭ ئۇنىڭغا ناركوز ئۇكۇلىنى كۆپ ئۇرۋىتىش تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەن. ئارقىدىن موررى سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن سوت كىسىلگەن .
AEGشىركىتى جىكسوننىڭ ناخشا كىچىلىك ئۆتكۈزۈش پىلانىنى كېڭەيتىشكە مەسئۇل بۇلۇپ ،جېكسوننىڭ ئاپىسى ۋە بالىلىرى ئەرىز سۇنۇپ AEG شىركىتىنىڭ موررىنى جېكسوننىڭ شەخسى دوختۇرى قىلىپ بېرىشى تۈپەيلىدىن جىكسۇن ئۆلۈپ كەتكەن دىگەن .
لىكىن بۇلتۇر 10- ئايدا زاسېداتېللىق ئۆمىكنىڭ قارشىچە گەرچە AEGشىركىتى مورىنى ياللىغان بولسىمۇ ، لىكىن ئۇنىڭ ياللىنىش خىزمىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، مورى ھەرگىزمۇ بۇ خىزمەتكە ماس كەلمەيدىغان ياكى خىزمەت ھۆددىسدىن چىقالمايدىغان ئەمەسكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن جىكسوننىڭ ئاپسىنىڭ ئەرزى غەلبە قىلالمىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved