توك پۇلىنى يان تېلېفۇن ئارقىلىق تۆلەش كەسپى يولغا قويۇلدى

يېقىندا، دۆلەت ئېلېكتر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى بىلەن جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شىركىتى بىرلىشىپ، توك پۇلىنى يان تېلېفۇن ئارقىلىق تۆلەش كەسپىنى يولغا قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دۆلەت ئېلېكتر تورى ئەقلىي ئىقتىدارلىق IC كارتىسىدىن پايدىلىنىدىغان توك ئىشلەتكۈچىلەر يان تېلېفۇنى ئارقىلىق ھەر ۋاقىت توك پۇلىنى تاپشۇرالايدۇ.


تونۇشتۇرۇلۇشچە، جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ يان تېلېفۇن ئارقىلىق پۇل تاپشۇرىدىغان ئابۇنىچىلىرى يان تېلېفۇن ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇش تور پونكىتى ۋە يان تېلېفۇن ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت سۇپىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلدا ھىسابات نومۇرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۆز ئۆيىنىڭ توك ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت سۈرۈشتۈرەلەيدىكەن ھەمدە بانكا كارتىسى ياكى «يان تېلېفۇن ئارقىلىق پۇل تۆلەش» ھېساباتىدىكى قالدۇق پۇل سوممىسى ئارقىلىقمۇ ھەر ۋاقىت توك پۇلىنى تاپشۇرالايدىكەن. بۇ كەسپ-- ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۇ، توك قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا زۆرۈر بولغان ساھەلەردە يان تېلېفۇن ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇش جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلغان.


نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بېيجىڭ يولى، غەربىي شىمال يولى، جۇڭسەن يولى قاتارلىق جايلىرىدىكى 10 تېلېگراف تىجارەت زالىدا، دۆلەت ئېلېكتر تورى كەسپىدە يان تېلېفۇن ئارقىلىق پۇل تۆلەش مۇلازىمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنداپ بولۇندى. بۇنىڭ بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دۆلەت ئېلېكتر تورى ئەقلىي ئىقتىدارلىق IC كارتىسىدىن پايدىلىنىدىغان توك ئىشلەتكۈچىلەر يان تېلېفۇن ئارقىلىق پۇل تۆلەشنىڭ قۇلايلىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.


ئىگىلىنىشچە، يان تېلېفۇن ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇش-- جۇڭگو تېلېگراف شىركىتى يولغا قويغان بىر تۈرلۈك مۇلازىمەت بولۇپ، جۇڭگو تېلېگرافى ھەر بىر ئابۇنىچى ئۈچۈن «يان تېلېفۇن ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇش» ھېساباتى تەسىس قىلىدىكەن. ئابۇنىچىلار بۇ ھىساباتنى رەسمىي ئاچقاندىن كېيىن، پۇلنى مەزكۇر ھېساباتقا كىرگۈزىدىكەن. دېمەك، بۇنداق بولغاندا ئېنتىرنت تورى، يان تېلېفۇندا تورغا چىقىش، قىسقا ئۇچۇر، ھەمتۈرتكە شەكىلدىكى ئۆز ئارا سۆزلىشىش ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇش قاتارلىق يۈز- تۇرانە مۇلازىمەتسىزمۇ توك پۇلىنى تاپشۇرغىلى بولىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
10-10-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
29-04-2016
   شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدە ئالمىنىڭ باھاسى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھاغا چۈشتى. ئالمىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ پارچە سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى ئالتە يۈەن، توپ سېتىلىش ئوتتۇرىچە باھاسى تۆت يۈەن بولدى. 28-ئاپرېل مۇخبىر...
29-04-2016
    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئادەتتىكى ئادەملەر 80 ياشقىچە ياشىيالىسا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەلىگەنگە ھېساب. لېكىن، تەبىئەت دۇنياسىدا ھەر قانداق ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئىنسانلاردىن خېلىلا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدىغان ھايۋاناتلاردىن زاد...
28-04-2016
     يېقىندا بىر تۈركۈم ئېغىرلىقى 200 توننا كېلىدىغان سانائەتكە ئىشلىتىلىدىغان كېرەكسىز يېمەكلىك ماي شيامېندىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن گوللاندىيەگە يۆتكەلدى، بۇ شۇ مەھسۇلاتنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋ...
28-04-2016
     ھىندىستان «ئىقتىساد دەۋرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان جۇڭگودىن كالا سۈتى، سۈت مەھسۇلاتلىرى ھەمدە قىسمەن يان تېلېفون ۋە باشقا بىر قىسىم تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھىند...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ قاتناش لىنىيەسى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىكى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىغان بولۇپ، كىنىشكىسىز تىج...
28-04-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز غەيرەت جاسارەت، نامەتجان يۈسۈپ خەۋەر قىلىدۇ) كەلپىن ناھىيەلىك «مۇقەددەس بۇلاق» ئوقەتچىلىك ساغلاملىق بۇيۇملىرى چەكلىك ش...
28-04-2016
    بىر بېلىق دۇكىنى 27-ئاپرېل چاڭچۈن شەھىرى لىنخې كوچىسى بىلەن دۇڭنەن كۆلى چوڭ يولىنىڭ كېسىشمە ئېغىزىدا ئاشخانىسىنىڭ سىرتقى تېمىغا پۈتۈنلەي بېلىق ئېسىپ بېزەۋاتىدۇ. ئاشخانا مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاشخانىنىڭ سىرتقى تېمى ...
28-04-2016
    شىياڭگاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ 27- ئاپرېل خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ساياھەت زۆرۈر لازىمەتلىكلىرىدە ناھايىتى چوڭ پەرق مەۋجۇت ئىكەن. ئىسپانىيە ساياھەت تور بېكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دو...
27-04-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندونېزىيە ئاسېخ ئۆلكىسى (Aceh)، شۇ كۈنى ئاسېخ ئۆلكىسىدىكى ساقچى تەرەپ چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگۈزۈلگەن 7.9 توننا پىيازغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، مەلۇم ئەتكەسچى بۇ ...
27-04-2016
    رۇسىيە ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ دېيىشىچە، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە رۇسىيەنىڭ دانلىق زىئارەت ھەمدە ياسالما مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت مىقدارى 10 مىليون 1...
Powered by Leglek