جاھان ئاگېنتلىقى 10-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىرنىڭ ئارىش رايۇنىدا ساقچىخانىغا نىشان قىلىنغان ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا 25 ساقچى يارىلاندى. بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، سىناي يېرىم ئارىلىدىكى پورت مەھەللىسى ئارشتىكى ساقچىخانىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قۇشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىنى تېخىچە بىرەر تەرەپ ئۈستىگە ئالمىدى. سىناي ئارىلىدا ئوخشاش ھۇجۇملار بىر قانچە يىلدىن بۇيان پات پات يۈز بېرىۋاتىدۇ.
سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى ئارىشتا 29-يانۋار مىسىر بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى نىشان قىلغان بومبا ھۇجۇمىدا 42 كىشى ئۆلۈپ، 70 كىشى يارىلانغان. بۇ ھۇجۇمنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ سىنايدىكى تارمىقى «بەيتۇل مۇقەددەس» ئەترىتى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. مەزكۇر تەشكىلات ISISقا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
مىسىر ئارمىيىسى 2014-يىلى 25-نويابىر جىددى ھالەت ئېلان قىلىپ رايۇندا بىر ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.
مىسىر غەززە چېگرىسىدا 1 كىلومىتىر ئەتراپتا ھەربىي رايۇن قۇرۇش قارارى ماقۇللىغان بولۇپ، رايۇندىكى ئۆيلەرنى بىكار قىلغان ، كېيىن بۇ ئۆيلەرنى بومباردىمان قىلىپ يېقىتقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved