پاكىستان، ئافغانىستان، جۇڭگو، ئامېرىكا قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسى تۆت تەرەپ مېخانىزمى تۇنجى قېتىملىق يىغىنى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىسلامئابادتا يېپىق كېڭەشتى. بۇ تۆت دۆلەتنىڭ ئافغانىستان تىنچلىقى ۋە يارىشىش مۇساپىسىدا تۇنجى قېتىم سۆزلىشىشى.
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئافغانىستان ئىشلىرى ئالاھىدە ئەلچىسى دېڭ شىجۈن، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان-پاكىستان ئىشلىرى ئالاھىدە ئەلچىسى رىچارد، پاكىستان دىپلوماتىيە ئىشلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى سارتاج ئەزىز، ئافغانىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ھىكمەت كارزاي كۆرۈشتى.
سارتاج ئەزىز يىغىن ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا، بۇ نۆۋەتلىك سۆزلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى زور ئىكەنلىكىنى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە تالىبان ئارىسىدىكى يارىشىش مۇساپىسىنى ماسلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىغا ئېنىق يۆلىنىش ۋە نىشان بېكىتىدىغانلىقىنى ھەمدە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە تالىباننىڭ بىۋاسىتە سۆزلىشىشىگە شارائىت يارىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ سۆزلىشىشكە ئالدىنقى شەرت قويماسلىقىنى، ئورتاق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق ۋە يارىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەرقايسى تەرەپلەر تالىباننىڭ جاھىل ئۇنسۇرلىرىغا ھەرىكەت قوللىنىشقا قوشۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئافغانىستان بۇ نۆۋەتلىك سۆزلىشىشكە يۇقىرى باھا بەردى، تالىباننىڭ «ئەتىيازلىق ھۇجۇم» قوزغىشىنى توختىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.
تالىبان تېخى بۇ نۆۋەتلىك سۆزلىشىشكە ئىنكاس قايتۇرمىدى. تالىباننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىياسىي مۇساپىگە قارشى تۇرمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈردى، ئەمما ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىش سۆزلەشمەسلىكنى قارار قىلمىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved