سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
چاۋشيەن تەرەپ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بەرگەن ئىشىغا قارىتا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن. چاۋشيەن 18-مارت «ئەمگەك خەۋەرلىرى» نىڭ باش بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئۆزى نەق مەيدانغا كېلىپ، ئېلان باشلاندى. جىنشيۇ تېغى قۇياش ئوردىسى ۋە خېلوڭشىن تۆت كوچا ئارىلىقىدىكى سۈبھى چوڭ كوچىسىدا قۇرۇلۇش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەم كونكرېت يوليورۇق بەرگەن. كىم جۇڭئېن: سۈبھى چوڭ كوچا قۇرۇلۇشى بولسا پەقەت نوقۇل ھالەتتىكى قۇرۇلۇش بولۇپ قالماستىن بەلكى ئامېرىكا جاھانگىرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن كەسكىن كۈرەش ئېلىپ بارىدىغان، چاۋشيەننىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرنىڭ ھەرقانداق جازاسى ۋە بېسىملىرىنى تارمار قىلىپ، تېخىمۇ قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جاسارىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان قۇرۇلۇش، دېگەن. «ئەمگەك خەۋەرلىرى» شۇ كۈنى ئېلان قىلغان يەنە بىر پارچە ماقالىسىدە، ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ زورلۇق بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئالىي ئىززەت-ھۆرمىتىگە ۋە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىغا قىلىنغان نازۇك، بەلگە خاراكتېرلىك ھەرىكەت. ئەگەر چاۋشيەن ئامېرىكىنىڭ ھەر قانداق ئاتالمىش ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ ئۇششاق ھەرىكىتىنى، ياكى چاۋشيەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان ھەرقانداق نازۇك ئالامەتلەرنى بايقىسىلا، پۇرسەتنى ھەرگىز قولدىن بەرمەستىن، رەھىم قىلماي يادرو ئارقىلىق ئالدىن قول سېلىپ زەربە بېرىپ، «ئامېرىكىنى يەر شارىدىن مەڭگۈ يوقىتىمىز». ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ ھەربىي مانېۋىر قىلىشى چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدىگە قارىتا كۈچ كۆرسىتىشنى نىشان قىلغان. يېقىندا، ئامېرىكا بىلەن كورىيە شەرتلىك بەلگىسى «ھەل قىلغۇچ ئىرادە» ۋە «تازقارا» ناملىق كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى. «ھەل قىلغۇچ ئىرادە» ناملىق ھەربىي مانېۋىرى 18-مارت ئاياغلاشتى، ئەمما «تازقارا» ناملىق ھەربىي مانېۋىرى 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 18-مارت دېيىشىچە، ئەڭ يېڭى ئىغۋاگەرچىلىك بولسا پيوڭياڭنىڭ خەلقئارانىڭ قاتتىق جازاسى ۋە ئامېرىكا-كورىيە يىللىق ھەربىي مانېۋىرىنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى، ئامېرىكا بىلەن كورىيە ئەڭ چوڭ كۆلەملىك مانېۋىرنى باشلىدى، مانېۋىر مەزمۇنى چاۋشيەنگە قارىتىلغان «كاللا كېسەر» ناملىق مانېۋىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چاۋشيەن ئىزچىل بۇ خىل مانېۋىرغا قارىتا ئۇرۇش قىلىش تەييارلىقىنى قىلىپ كەلدى، بۇ قېتىمقى قايتۇرغان ئىنكاسى تېخىمۇ قاتتىق بولدى. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى «جىددىي قايناش» دېگەن سۆز ئارقىلىق ھازىرقى يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنى سۈپەتلەپ بەردى. خەۋەرگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ سىنارەد قويۇپ بېرىشى يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىي قايناش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان پەيتتە، قورال كۈچىنى نامايەن قىلغان ئەڭ يېڭى ھەرىكىتى، چاۋشيەن باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بەرگەن پەيتتە، 17 مىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە 300 مىڭ كورىيە ئارمىيەسى بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ باردى ھەم كورىيە دۆلەت مۇداپىئەسى بۇ مانېۋىرنى «ئەڭ چوڭ كۆلەملىك» بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر دېدى. چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىشى ئامېرىكا بىلەن
كورىيەنىڭ ھەربىي مانېۋىرغا بولغان بىر خىل قاتتىق پوزىتسىيە. لياۋنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېرىم ئارىلى مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى لۈچاۋ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ ھەربىي مانېۋىرى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاندىن ئاخىرلىشىدۇ. بۇنداق قاراتمىلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ھەربىي مانېۋىر ئۇزاققا داۋاملاشسا، چاۋشيەننىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كاپالەتكە ئىگە بولالماي قالىدۇ، ئاندىن چاۋشيەنمۇ «زىيادە قاتتىق قولغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق قول» بولۇش ئۇسۇلى بىلەن تاقابىل تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشقا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا، يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز، كورىيەنىڭ يۇقىرى ئاۋازلىق رادىيو ئۇزىلى پونكىتى قاتارلىق جايلار ئاسانلا توقۇنۇش يۈز بېرىدىغان سەزگۈر رايونلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا ئىككى تەرەپ سالماق بولۇپ، بىر كىچىك مارسنى دەپ ئېغىر توقۇنۇشلارنى پەيدا قىلماسلىقى لازىم.
ياپونىيە ئەتىگەنلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 18-مارت خەۋىرىدە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى چاۋشيەنگە بولغان جازالاش قارارىنى ئىجرا قىلىشتىن باشقا، چاۋشىيەگە ھېچقانداق چەكلەش ۋاسىتىسى قوللانمىدى، دېگەن. ياپونىيە ھۆكۈمىتى چاۋشيەننىڭ يەنە ئۇلاپلا 4-ئايدىكى كىم ئېرسىننىڭ تۇغۇلغان كۈندە ۋە 5-ئايدىكى ئەمگەك پارتىيەسى يىغىن مەزگىلىدە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىپ، چاۋشيەننىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش تەدبىرى ئېلىپ بېرشىتىن ئەنسىرگەن. كورىيە «دۇنيا كۈندىلىك گېزىتى» دە كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى مۇنداق دېگەن: بۇ قېتىمقى چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىش ھەرىكىتى، خۇددى كىم جوڭئۇننىڭ كۆرسەتمىسىنى راستتىنلا ئەمىللەشتۈرگەندەك بەكلا ئۆزگىچە، چاۋشيەننىڭ نۆۋەتتە يادروسىز ماددىي تەقلىدىي يادرو ئوق بېشىلىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سىنىقى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز. كورىيە ئارمىيەسىدىكى ئالاقىدار زاتلارنىڭ قارىشىچە، چاۋشيەننىڭ كەلگۈسىدە «ۋۇشۇدەن» قاتارلىق ئېتىش مۇساپىسى تېخىمۇ يىراق بولغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىش
ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
![]() |
كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سىئول جەنۇبىي قۇۋۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار شۇ كۈنى جۇڭگو ئەلچىخانىسىغا پاسكىنا نەرسىلەرنى ئېتىۋ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved