جۇڭگو تورى، 5-ئىيۇن خەۋىرى: ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى 1-ئىيۇن ۋاپات بولغان ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق باشلىقى نوبۇكو ماچىمۇرا ئۈچۈن ‹‹ئاخىرقى قېتىم ۋىدالىشىش مۇراسىمى›› ئۆتكۈزگەن.
خەۋەرلەگە قارىغاندا، شۇ كۈنى، ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان باشلىقى رىمورى ئوشىما 4-ئىيۇن ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەسمىي يىغىنىدا نوبۇكو ماچىمۇرانىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نوبۇكو ماچىمۇرا ئىلگىرى ‹‹پالاتا تۈزۈمى دېموكراتىك سىياسى››نىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان.
بۇنىڭدىن باشقا، نوبۇكو ماچىمۇرانىڭ جەسىتى بېسىلغان ئاپتوموبىل ئاۋام پالاتاسىدىن ياپونىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو، باش ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى يىۋېي جىئەن قاتارلىقلار ئۇزىتىپ قويدى.
ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ سابىق باشلىقى نوبۇكو ماچىمۇرا بۇ يىل 70 ياشتا بولۇپ، ھايات ۋاقتىدا دىپلوماتىيە ۋەزىرى ۋە باش ۋەزى مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved