ئىمتىھان نومۇرى 80 گە يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇردى

     جۇڭگو جىياڭشى تورى خەۋىرى، «ئىمتىھان نومۇرى 80 گە يەتمىگەن بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ئۇرۇپ كۆكەرتىۋېتىلگەن.» 1-ئاينىڭ 6- كۈنى، پىڭشىياڭدىكى بىر ئائىلە باشلىقى جۇڭگو جىياڭشى تورىغا، بالىسىنىڭ گۇاڭفېڭ باشلانغۇچ مەكتەپ قارمىقىدىكى بالىلار باغچىسىدا ئوقۇيدىغانلىقى، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بالىنى ئۇرۇپ  بەدەنلىرىنى كۆكەرتىۋەتكەنلىكى توغرىسىدا ئىنكاس ئەرز يوللىغان. شۇ كۈنى مەكتەپ رەھبەرلەرلىكى: ئەھۋالنىڭ راست ئىكەنلىكىنى، مائارىپ تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىنى ئىشتىن بوشىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 ئىنكاس: بالىلار باغچىسىدىكى بالىلار ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان

 «مېنىڭ بالام پىڭشىياڭ تەرەققىيات رايونى گۇاڭفېڭ باشلانغۇچ مەكتەپ قارمىقىدىكى بالىلار باغچىسىدا ئۇقۇيدۇ، تۈنۈگۈن مەكتەپتىن كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پاقالچىقىنىڭ ۋە بىلىكىنىڭ كۆكىرىپ قالغانلىقىنى بايقىدىم.» ياڭ خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى مەسىلىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمايلا قالماستىن، يەنە بالىلارغا، بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىغا ئېيتماسلىقنى تاپىلىغان.

 ياڭ خانىمنىڭ تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدىن، بالىنىڭ پاقالچاق ۋە بىلەك قىسمىدا كۆكىرىپ قالغان جايلارنىڭ بارلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن. ياڭ خانىم، ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىلارنى ئۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ئىشلارنى پەقەت دوستلار چەمبىرىكىدىلا كۆرگەنلىكىنى، بۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولۇپ، قىشتا شۇنچە قېلىن كىيىم ئۈستىدىن ئۇرۇپ مۇشۇنداق قىلىپ قويۇشقا قانچىلىك كۈچ كېتىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

 ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر كىشى تونۇشتۇرۇپ، گۇاڭفېڭ باشلانغۇچ مەكتىپى باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ، بەزى جەھەتلەردە پۈتۈن شەھەردىكى باشقا مەكتەپلەرنىڭ ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ۋە ئۆگىنىش ئوبيېكتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

 جاۋاب: مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچى ئىشتىن بوشىتىلدى

 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 10 ئەتراپىدا، گۇاڭفېڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى جوڭ فامىلىلىك خىزمەتچى خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، مۇناسىۋەتلىك ئىنكاس ئەرزىنى تاپشۇرىۋالغان بولۇپ، خىزمەتچى خادىملارنى تەشكىللەپ جىددىي تەكشۈرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

 چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 دە، مۇخبىر گۇاڭفېڭ باشلانغۇچ مەكتەپ مەسئۇلىنىڭ جاۋابىغا ئېرىشكەن، مەسئۇل كىشى، بۇ مەكتەپنىڭ قارمىقىدىكى بالىلار باغچىسىدا راستىنىلا بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ، 1-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى كونترول قىلالماي، 5-4 نەپەر بالىنى ئۇرۇپ قويغانلىقىنى، نېمىشقا بۇنداق قىلدى؟ بۇنى ئاشكارىلىمايدىغانلىقىنى، پەقەت بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تەجىربىسنىڭ كەملىكىدىن، ئۆزىنى كونترول قىلالمىغانلىقىنى ئېيتقان.

    بۇ مەسئۇل كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «مائارىپ تارماقلىرى تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار ئوقۇتقۇچىنى ئىشتىن بوشاتقان.»، تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، بالىنىڭ بەدىنىدە چوڭ چاتاق يوق بولۇپ، دوختۇر يېنىك دەرىجىدىكى تاشقىي تېرە يارىسى دەپ دىياگنوز قويغان. ئۇنىڭدىن سىرت، بۇ مەكتەپ نوپۇزلۇق پىسخىك مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان بالىلارغا پىسخىكىلىق تەربىيە ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدە شەكىللەنگەن قارا كۆلەڭگىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ئازايتىشنى ئۈمىد قىلغان.  



خەتكۈچلەر:
07-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-01-2016
        مۇخبىرنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگەللىشىچە، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ چەتئەلگە يۈزلىنىشىگە پەن تېخنىكا جەھەتتىن مەدەت بېرىش مەقسىتىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئاكادمىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى يېزا ئىگ...
21-01-2016
       مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىسمەن ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:...
20-01-2016
     مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدىكى 19 ئالىي كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە جەمئىي 66 كەسىپ كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەسىپ ئەڭ ك...
18-01-2016
     تۇرسۇن ھۇشۇر ئائىلە قىرائەتخانىسدا كىتابلارنى رەتلىمەكتە    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان مولنىياز خەۋىرى، فوتوسى: باي ناھىيە ياتۇر يېزا مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ سابىق باشلىقى تۇرسۇن ھوشۇر 2009-ي...
18-01-2016
    2016-يىلى 13-يانۋار سائەت 15:00 ئەتراپىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋېيياڭ شۆبىسى دامىڭگۇڭ ساقچىخانىسى چارلاش ساقچىلىرى تەۋەلىكىنى چارلاش جەريانىدا بىر قارا رەڭلىك دالا ئاپتوموبىلىنىڭ سىگنال سىمىنى چىقىرىپ قويغانلىقىنى، ماشىنىدى...
18-01-2016
       كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، كورىيە مائارىپ گۈللەندۈرۈش ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر ئىلمىي ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، 2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، چاۋشىيەندىكى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋ...
15-01-2016
        خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي مائارىپ ۋە تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى كىرىسسي خانىم 14-يانۋار كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ ۋە ئاۋات يېزا مەركىز...
15-01-2016
      خېجىڭ ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بىلەن خېجىڭ ناھىيەلىك «شەرققە قايتىش كۇتۇپخانىسى» ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىشلىق تەتىلنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن 14-يانۋار «شەرققە قايتىش كۇتۇپخانىسى»دا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائال...
15-01-2016
      13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئالتە كۈن قالغاندا، تەڭرىتاغ تورىنىڭ مېھىرلىك پىدائىيلارغا ئەزا توپلاش پائالىيىتى قىزغىنلىق بىلەن داۋاملاشتى. تەڭرىتاغ تورى كۆپچىلىكنى مېھىرلىك پىدائىيلار ئەتر...
14-01-2016
            12-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قارايدىغان پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپل...
Powered by Leglek