گۇاڭجۇدا بىر ستۇدېنت قىز ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىلا ئىككى بالىلىق بولدى

       يېقىندا، بىر قىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى توردا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئىسمى لىياڭ باۋيى بولۇپ، ھازىر گۇاڭجۇ ئۇنىۋېرىستىېتىنىڭ ئاڭلىتىش فاكۇلتېتىنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇيدىكەن. رەسىمدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ناھايىتى چىرايلىق تۇرغانلىقىنى بايقايسىز. لېكىن 92-يىلى تۇغۇلغان بۇ قىز 19 ياش ۋاقتىدا يەنى ئالىي مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقاندا ھامىلدار بولغان بولۇپ، 20 يېشىدا ئانا بولغان. ھازىر، ئۇنىڭ ئىككى بالىسى بار ئىكەن.

     ئۇنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى ئاڭلىغاندا ئائىلىسىدىكىلەر ناھايىتى چۆچۈپ كەتكەن، ئاپىسى ئۇنىڭغا ئوقۇشىنى تاماملاپ ئاندىن بالىلىق بولۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان، لېكىن ئۇنىڭغا كار قىلمىغان. كېيىن ئۇ بالىنى تۇغقان.

     لىياڭ باۋيىنىڭ ئائىلىسىدە ئۆزگىرىش بولغان بولۇپ، تولۇق 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چېغىدا دادىسىنىڭ بۇ دۇنيادىن كېتىپ قېلىشى ئۇنىڭ مۇكەممەل بولغان ئائىلىگە بولغان تەلپۈنۈشىنى كۈچەيتىۋەتكەن.

 

      لىياڭ باۋيىنىڭ يولدىشى روسىيەلىك بولۇپ، گەرچە بىر قسىىم مەدەنىيەت جەھەتتىكى كېلىشەلمەسلىكلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئائىلىسى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى خالىغان. ئۇ تۇنجى بالىسىغا ھامىلدار بولغىنىدا مەكتەپتىن ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاشنى ئىلتىماس قىلغان ۋە پۈتۈن زېھنىنى بالىسىغا قاراتقان. لىياڭ باۋيى دەرستە ۋاقتىدا، تۇغقانلىرى بالىنى مەكتەپكە ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئېمىتىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا تېلفون قىلىپ خەۋەر قىلسا، ئۇ ئوقۇتقۇچىدىن نەچچە مىنۇتلۇق رۇخسەت ئېلىپ چىقىپ ئېمىتىدىكەن.

    لىياڭ باۋيى ھەم ياخشى ئوقۇغۇچى ھەم ياخشى ئانا بولالىغان. ياخشى كۆرگىنى بىلەن توي قىلىش ناھايىتى گۈزەل بولغان بىر ئىش، لېكىن نىكاھتا رومانتىك بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. خۇددى لىياڭ باۋيىنىڭ ئېيقىنىدەك: بۇ بىر ناھايىتى مۇھىم بولغان قارار، چوقۇم ئەستايىدىل ئويلىنىش كېرەك.

    مۇھەببەتلىشىش، توي قىلىش ۋە بالىلىق بولۇش نورمال كىشىلەر بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغان جەريان. جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئىدىيىسى بويىچە، ئاۋۋال ئىگىلىك تىكلەپ ئاندىن توي قىلىش تەكىتلىنىدۇ. لېكىن، بۇ خىل نىكاھ ئىدىيىسى توقۇنۇشۇپ قالغىلى تاس قېلىۋاتىدۇ. 2005-يىلى مائارىپ ئىدارىسى بەلگىلىمىنى ئۆزگەرتىپ، ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ توي قىلىشىغا چەكلىمە قويمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.  



خەتكۈچلەر:
04-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-05-2016
     خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى) مۇخبىر يېقىندا، پوسكام ناھىيەسىدىكى 100 دىن ئارتۇق تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە ناھىيەلىك خەلق دوختۇر...
11-05-2016
       رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە يۇگۇ شىركىتى ھەر يىلى پۇقرالار ئارىسىدا ئېىپ بارىدىغان «ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەر تىزىملىكى» نى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ تىزىملىكتە ئ...
10-05-2016
    ئەدىب، ژۇرنالىست بەگمەت يۈسۈپ 1964 - يىلى 12 - ئايدا قومۇلدا تۇغۇلغان. 1987 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ نېفىت مائارىپ ئىنستىتۇتىغا تەقسىم قىلىنغان. 1...
10-05-2016
يۇقىرىقى سۈرەتلەر: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى تۆۋەندىكى سۈرەتلەر: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
09-05-2016
    سىنا تاماشا خەۋىرى: داڭلىق پۇتبول چولپىنى بېكخامنىڭ 17 ياشقا كىرگەن ئوغلى برۇكلىن يېقىندا پراۋا ئالغان بولۇپ، 4-چىسلا ھەشەمەتلىك ماشىنىسىنى ھەيدەپ سىرتقا چىققاندا چەتئەل ماراقچىلىرى تەرىپىدىن رەسىمگە تارتىۋېلىنغان، برۇ...
09-05-2016
    سىنا تاماشا خەۋىرى: لىئوناردو دىكاپىرو قىز دوستى بىلەن جاستىن بىيبېرنىڭ ناخشا كېچىلىكى يىغىلىشىغا قاتناشقان بولۇپ، لىئوناردو يول بويى ماراقچىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ چىرايىنى توسۇپ ماڭغانىدى، كەينىدە بولسا ئورۇق، ئېگىز، ئ...
09-05-2016
    سىنا تاماشا خەۋىرى، لوس ئانژېلىس شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، دەرىجىدىن تاشقىرى داڭلىق مودېل مىراندا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى چىققان بولۇپ، چىرايىدىن خۇشاللىق يېغىپ تۇراتتى.
08-05-2016
    بىر قانچە كۈن بۇرۇن، شاھرۇھ خاننىڭ فىلىم گۇرۇپپىسى ئەسلىدە بۇ روزا ھېيتتا قويۇلىدىغان، كىشىنى بەك تەقەززا قىلغان فىلىم «Raees» نىڭ كېلەر يىلى جۇمھۇرىيەت كۈنى، يەنى 1-ئاينىڭ 27-كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ب...
08-05-2016
    ئامېرىكا دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى 3-ماي ئىندىيانا ئىشتاتىدا تەييارلىق سايلىمى ئۆتكۈزدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى نامزاتى ترومپ بىر ھەپتە ئىلگىرى شەرقىي شىمالدىكى بەش ئىشتاتنى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن ي...
07-05-2016
    كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى يېقىندا 27 كىشىگە «20-نۆۋەتلىك جۇڭگو 4-ماي ياشلار مىدالى» بەردى، 5 كوللىكتىپقا «جۇڭگو 4-ماي ياشلار مىدالىغا ئېرىشكەن كوللىكتىپ» دەپ نام بەرد...
Powered by Leglek