يادرو دۆلىتى دېگىنىمىز بۇرۇن ياكى ھازىر ئەمەلىي ئۇرۇشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان يادرو قورالىنى ياساش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ . بۇ ئادەتتە يادرو دۆلىتى ، قانۇنسىز يادرو ئىشلىتىدىغان دۆلەت ، خۇپىيانە يادرو دۆلىتى ۋە يادرودىن ۋاز كەچكەن دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . خەلقئارادىكى يادرو يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك شەرتنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا ، ھازىر دېيىلىۋاتقان يادرو دۆلىتى بولسا 1967- يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن بۇرۇن يادرو قورالى ياسىغان ھەم پارتلاتقان ياكى باشقا يادرو قورالى پارتلىتىش قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرغان دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
يادرو دۆلىتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزا دۆلىتى ئادەتتە يادرو دۆلىتى سالاھىيەتنى ھازىرلىغان دۆلەت دەپ قارىلىدۇ .
ئامېرىكا : 1945- يىلى 7-ئاينىڭ16- كۈنى بەشتىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ، ئامېرىكا دۇنيا تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇتۇقلۇق ھالدا يادرو بومبىسى پارتلىتىش سىنىقى قىلدى ھەمدە دۇنيا بويىچە تۇنجى يادرو قورالى بار دۆلەت بولدى .1992- يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يادرو سىنىقىنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ، شۇ ۋاقىتقىچە ئامېرىكا جەمئىي 1032 قېتىم يادرو سىنىقى قىلدى
رۇسىيە: 1949- يىلى 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت تۆتتە سوۋېت ئىتتىپاقى قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاتوم سىنىقى قىلدى ھەمدە دۇنيا بويىچە ئىككىنچى يادرو قورالىغا ئىگە بولغان دۆلەت بولدى. 1991-يىلى 10-ئاينىڭ 26- كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى يادرو سىنىقىنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن رۇسىيە سوۋېت ئىتتىپاقى قالدۇرۇپ كەتكەن مۇتلەق كۆپ قىسىم يادرو قورالغا ئىگە بولدى ھەمدە داۋاملىق يادرو سىنىقىنى قىلىشنى ۋاقىتلىق توختاتتى . مۇشۇ ۋاقىتقىچە رۇسىيە جەمئىي 715 قېتىم يادرو سىنىقى قىلغان ئىدى.
ئەنگلىيە: 1952-يىلى 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئەنگلىيەنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسى ئاۋسترالىيەدىكى بىر پاراخوتتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پارتىلىتىلىپ ئەنگلىيە دۇنيادىكى ئۈچىنچى يادرو قورالىغا ئىگە بولغان دۆلەت بولدى.1991- يىلى 11 - ئايدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يادرو سىنىقىنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى . مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئەنگلىيە جەمئىي 45 قېتىم يادرو سىنىقى قىلدى
فىرانسىيە : 1962 - يىلى 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى فىرانسىيە ئالجىرىيەنىڭ سەھرايى كەبىر چۆللۈكىدە تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يادرو سىنىقى قىلىپ دۇنيادىكى تۆتىنچى يادرو قورالىغا ئىگە بولغان دۆلەت كە ئايلاندى .1996 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى فىرانسىيە ھۆكۈمىتى جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىدا يادرو سىنىقى قىلىشنى مەڭگۈلۈك توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى ، مۇشۇ ۋاقىتقىچە فىرانسىيە جەمئىي 210 قېتىم يادرو سىنىقى قىلدى
جۇڭگو : 1964 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچتە، شىنجاڭنىڭ لوپنۇر كۆلى رايونىدا تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاتوم سىنىقى قىلىپ دۇنيادىكى بەشىنچى ئاتوم قورالىغا ئىگە بولغان دۆلەت كە ئايلاندى ، 1996-يىلى 7-ئاينىڭ30- كۈنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى يادرو سىنىقى قىلىشنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى . مۇشۇ ۋاقىتقىچە جۇڭگو جەمئىي 45 قېتىم يادرو سىنىقى قىلدى
قانۇنسىز يادرو دۆلىتى
يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك شەرتنامىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ئاشكارا ھالدا يادرو قورالىنى سىناق قىلغان دۆلەتلەر خەلقئارا تەرىپىدىن بىردەك قانۇنسىز يادرو دۆلىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . قانۇنسىز يادرو دۆلەتلىرىنىڭ ئۇرۇشتا يادرو قورالى ئىشلىتىپ، دۈشمەن دۆلەتكە زەربە بېرىشى چەكلىنىدۇ ، ناۋادا شۇنداق قىلسا مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئاساسەن مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ
ھىندىستان :1974 - يىلى ھىندىستان تۇنجى قېتىملىق ئاتوم سىنىقى قىلدى . 1998- يىلى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ھىندىستان يەنە بەش قېتىم كىچىك تىپتىكى يادرو سىنىقى قىلدى .
پاكىستاننىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گىربى
پاكىستان : 1972 - يىلدىن باشلاپ مەخپىي ھالدا يادرو قورالى تەتقىق قىلدى ، مەقسىتى ھىندىستاننى چەكلەش ئىدى. 1990- يىلدىن تارتىپ ئامېرىكىنىڭ چەكلەش سىياسىتى پاكىستاننىڭ يادرو قورال تەرەققىيات قەدىمىنى ئاستىلىتىۋەتتى .1998- يىلى 5 - ئاينىڭ28 - كۈنى پاكىستان ئوڭۇشلۇق ھالدا بەش قېتىم يادرو سىنىقى قىلدى. پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دۇنيادىكى بىردىنبىر ئاتوم قورالى بولغان ئىسلام دۆلىتىدۇ.
چاۋشيەن : 2006 - يىلى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چاۋشيەن تۇنجى قېتىم يەر ئاستى يادرو سىنىقى قىلدى . 2009 - يىلى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چاۋشيەن ئىككىنچى قېتىملىق يەر ئاستى يادرو سىنىقى قىلدى .2013- يىلى 2 - ئاينىڭ12 - كۈنى چاۋشيەن ئۈچىنچى قېتىم يەر ئاستى يادرو سىنىقى قىلدى.2015-يىلى 12-ئاينىڭ 10- كۈنى چاۋشيەن « ئاتوم بومبىسى ۋە ۋودرود بومبىسىغا ئىگە بولدۇق» دەپ جاكارلىدى.
خۇپىيانە يادرو دۆلىتى
خۇپىيانە يادرو دۆلىتى مەخپىي ھالدا يادرو قورالى تەتقىق قىلىدىغان ۋە يادرو قورالىغا ئىگە بولغان , ئەمما ئاشكارا يادرو سىنىقى قىلمايدىغان ھەم يادرو قورالىنىڭ بارلىقىنى تاشقى دۇنياغا جاكارلىمايدىغان دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ
بۇنداق دۆلەتلەردىن ئىسرائىلىيە، ئىران، ياپونىيەلەر بار
يادرو قورالىدىن ۋاز كەچكەن دۆلەتلەر
يادرو قورالىنى تەتقىق قىلىشنى توختاتقان ۋە ۋاز كەچكەن دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ
بۇلار ئالجىرىيە، ئارگېنتىنا، بىرازىلىيە ، جەنۇبىي ئافرىقا ، ۋە بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو قوراللىرى بولغان بىلىروسىيە ، قازاقىستان ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىقلاردۇر .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved