كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى ›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيەدە ئاشلىق ئىسراپ قىلىش مەسىلىسى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن. فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ ئاشخانا غوجايىنىدىن خېرىدارلارنى ئاشقان تاماقنى زەللە قىلىپ ئەپكېتىشكە ئىلھاملاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: فىرانسىيەدىكى ھەر بىر ئائىلە يىلدا 400 ياۋرو قىممىتىدىكى يېمەكلىكنى ئىسراپ قىلىدۇ. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، فىرانسىيەدە ھەر يىلدا 20 مىليارد ياۋرو قىممىتىدىكى يېمەكلىك ئىسراپ بولىدۇ. يۇقىرىدىكى ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزگەن فىرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمال سىستېمىسىنىڭ كىرىزىسقا پاتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved