‹‹ئۈرۈمچى، مەن سېنى سۆيىمەن›› ناملىق قىسقا فىلىم توردا ئالقىشقا ئېرىشتى

مەيداندا لەگلەك ئۇچۇرۇۋاتقان بوۋايلار، شەھەر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىۋاتقان كەپتەرلەر... ‹‹ئۈرۈمچى، مەن سېنى سۆيىمەن›› ناملىق جامائەت پاراۋانلىقى قىسقا فىلىمى 6 – يانۋار ‹‹تېڭشۈن›› تورىدا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، 226 مىڭ قېتىم كۆرۈلۈپ، توردا ئالقىشقا ئېرىشتى.


بۇ فىلىمدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چوڭ – كىچىك كوچىلىرىدىكى پۇقرالار سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئوبرازلىق كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھىرىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. تۇرمۇشتىكى ئىشلار ئاممىباب تىلدا بايان قىلىنغاچقا، نۇرغۇن كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.


‹‹ئۈرۈمچى، مەن سېنى سۆيىمەن›› ناملىق قىسقا فىلىم ياش رېژىسسور نيۇ سىيۈەننىڭ يېڭى ئەسىرى. ئۇ دوستلىرى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى چوڭ – كىچىك كوچىلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، بۇ فىلىمنى 180 كۈندە سۈرەتكە ئېلىپ بولغان.


قىسقا فىلىمدىكى موماينىڭ قۇچىقىدىكى بالىنى پەپىلىگەچ، ‹‹ئەقىللىق ئەپەندىم›› ھېكايىسىنى ئېيتىپ بېرىۋاتقان؛ رۇسلارنىڭ ئائىلە يىغىلىشىدا گارمون مۇزىكىسى ياڭراۋاتقان؛ كاۋاپداندا زىرە سېپىلگەن مەززىلىك كاۋاپلار پىشىۋاتقان، كاۋاپچىنىڭ مېھمانلارنى كاۋاپ يېيىشكە چاقىرىۋاتقان؛ بىر كۈن جاپالىق ئىشلەپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتىۋاتقان ياشلارنىڭ ئاپتوبۇستا ئۇخلاپ قالغان قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە كۆرۈنۈشلەر كىشىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ.


نيۇ سىيۈەن ‹‹ئۈرۈمچى، مەن سېنى سۆيىمەن›› ناملىق قىسقا فىلىم ھەققىدە مۇنداق دېدى: تەڭرىتاغ ئېتىكىگە جايلاشقان گۈزەل شەھەر ئۈرۈمچىدە بىزنىڭ ئارزۇلىرىمىز ۋە مۇھەببىتىمىز بار، ئۈرۈمچى بىزنىڭ يۇرتىمىز.



خەتكۈچلەر:
14-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
23-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      نىيويوركتىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، «پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتى» (The Beatles) نىڭ باش ناخشىچىسى جون لېنوننىڭ قوليازما ناخشا تېكىستى ...
Powered by Leglek