رۇسىيە « كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ھەقىقەت گېزىتى» نىڭ 22-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ Krasnoyarsk دا بىر ئوغرى ئوغرىلىق قىلىۋاتقاندا ئۆگزىگە قىسىلىپ قېلىپ، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قالغان. لېكىن مەقسىتىگە يېتەلمەيلا قالماي يەنە، نېپىز كىيىنىۋالغاچقا توڭلاپ ھالى قالمىغان. يېقىندا، Krasnoyarsk چېگرا رايون ساقچى ئىدارىسى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن : سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر ئەر دۇكانغا ئوغرىلىققا كىرىشكە ئۇرۇنغان. ساقچى تەرەپ نەق مەيدانغا بارغاندىن كېيىن بۇ ئەرنىڭ ئۆگزىگە قىسىلىپ قالغانلىقىنى بايقىغان.
ئىگىلىنىشىچە، 40 ياشلىق بۇ ئەر دۇكاننىڭ ئۆگزىسىدىن دۇكانغا ئوغرىلىققا چۈشمەكچى بولغان، لېكىن ئۇ ئۆگزىدىكى تۆشۈكتىن پاتمىغان. گەرچە ئۇ كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ ئىچ كىيىمى بىلەنلا قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۆگزىگە قىسىلىپ قالغان.
ساقچى تەرەپ بۇ ئەرنى ئوغرىلىققا قىلىشقا ئۇرۇنغان دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئالغان. خەۋەرقىلىنىشىچە، بۇ ئەر ئۆگزىگە قىسىلىپ قالغاندىن كېيىن بۇ يەردىن چىقىپ كېتەلمەي سوغۇقتا غال-غال تىتىرەپ كەتكەن، ساقچىلار كەلگەندىن كېيىنلا ئاندىن قۇتۇلۇپ چىققان.
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved