رۇسىيە Bloknot ئاخبارات تورىنىڭ 6-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، 2- يانۋار كەچتە رۇسىيە ئورۇنبۇرگ ئىشتاتىدا 84 ئادەم تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋېتىپ قاتتىق قارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قاپسىلىپ قېلىپ، قۇتقۇزغۇچىلارنى 15 سائەتكە يېقىن ساقلىغان. ئۇلار ئىسىنىش ئۈچۈن ئاپتوموبىلدىكى كۆيدۈرۈشكە بولىدىغان بۇيۇملارنى ھەتتا كىيىملىرىنى كۆيدۈرگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە بىر ئادەم قازا قىلغان، نۇرغۇن ئادەم مۇزلاپ قالغان. نۇرغۇن زىيانلانغۇچىلار قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدىن نازارى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. زىيانلانغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئون نەچچە سائەت ساقلىغاندىن كېيىن، ئاران ئىككى نەپەر قاتناش ساقچىسى ۋە بىر قۇتقۇزۇش خادىمى، بىر تراكتور ۋە بىر ئەشيا ئوبوروت ئاپتوموبىلىنىلا كۆرگەن.
بىر شوپۇر نەق مەيداننى ۋىدېئو چاستوتىغا تارتىپ توردا تارقىتىپ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىندىن ياردەم سورىغان ھەمدە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ كېچىككەنلىكىدىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ۋىدېئو چاستوتىدا پۇتىنغا ۋەقەدە توڭلاپ قالغانلارنى داۋالاش ياردىمى بىلەن تەمىنلەشنى ئىلتىماس قىلغان. ئۇ يەنە ۋىدىئو چاستوتىدا مۇنداق سوئال سورىغان : بىزنىڭ كەسپىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىمىز نەدە ؟ رۇسىيەدە كىشىلەرنى قاردىن قۇتقۇزۇش تېخنىكىسى يوقمۇ ؟
ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيە تەھقىقلەش كومىتېتى نۆۋەتتە بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved