سۈرەتتە: جۇڭگونىڭ قىرغۇچى 15 تىپلىق پاراخوت ئايروپىلانىدىكى ئۇچقۇچى.
ئىگىلىنىشچە، جۇڭگونىڭ قىسقىغىنە تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپلا ئۈچ تۈركۈمدە نەچچە 10 لىغان كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئاۋىئاماتكىدا ئۇچۇش، قونۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى، ھەمدە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاساسەن ھازىرلىيالىشىدا ئاساسلىقى قۇدرەتلىك سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا تايانغان، بۇنىڭدىن جۇڭگونىڭ قۇدرەتلىك ئۇرۇش قىلىش يوشۇرۇن كۈچى نامايان بولدى. ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى لېي زې ئەپەندىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇرۇش قىلىش يوشۇرۇن كۈچى بىر دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى باھالاشتىكى يادرولۇق كۆرسەتكۈچ، شۇنداقلا بىر دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىدىكى ئۇلتاش ئىكەن، ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدىكى يېڭىش- يېڭىلىشتا جەڭ قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئورۇندىلىشىغا، شۇنداقلا ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچنىڭ سېلىشتۇرمىسىغا تايىنىلىدىكەن.
ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى مۇنداق چۈشەندۈردى: تىنچ مەزگىلدە، دۆلەتنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئەمەلىي كۈچى يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرىدۇ، ئەمما ئۇرۇش مەزگىلىدە بولسا، سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق رىئال ئۇرۇش قىلىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئۇرۇشتا بىۋاسىتە رول ئوينايدىغان ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى ۋە مەنىۋى كۈچ ھەمدە ئۇنى سەپەرۋەر قىلىش جەريانى دەل دۆلەت مۇداپىئەسىدىكى سەپەرۋەرلىك يوشۇرۇن كۈچىدۇر.
ئەمەلىيەتتە، بىر دۆلەتنىڭ ئۇرۇش قىلىش يوشۇرۇن كۈچىنى تەتقىق قىلغاندا، بۇ دۆلەتنىڭ قانداق ئۇرۇش قىلالايدىغانلىقى، قانداق ئۇرۇش قىلىشنى خالايدىغانلىقى، قانداق ئۇرۇشتا يېڭەلەيدىغانلىقىنى تېزلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ. رۇسىيە تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، جۇڭگو ھازىر جاھاندىكى ئۇرۇش سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىكەن، جۇڭگو جاھاندىكى ئەڭ كۆپ قوشۇنغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە جاھاندا ئامېرىكىدىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇرىدىغان ھەربىي سانائەت ئىقتىدارى ۋە دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىغا ئىگە.
ئەگەر ئېھتىياج تۇغۇلسا، جۇڭگودا ياۋروپانىڭ يېرىمىغا تەڭ كەلگۈدەك ياشلار ھەربىي قوشۇنغا قاتنىشالايدۇ، مۇشۇ بىر تۈرلا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتالايدۇ، ئەمما ئادەمنىڭ كۆپ بولۇشى جۇڭگونىڭ ئۇرۇش قىلىش يوشۇرۇن كۈچىدىكى يادرولۇق ئامىل ئەمەس. ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى لېي زې ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، سەپەرۋەرلىك يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ئاز- كۆپلۈكى ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىنى مەلۇم دەرىجىدە بەلگىلىيەلەيدۇ، بولۇپمۇ چوڭ كۆلەملىك ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشلاردا تېخىمۇ شۇنداق. چۈنكى ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدىكى ئەۋزەل كۈچ ئۇرۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلبىسىنى كاپالەتلەندۈرەلمەيدۇ. 1- دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە ئانتانتا دۆلەتلەر ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى چېغىدا بارلىق كۈچىنى جەڭگاھقا سەرپ قىلغانىدى، بىر قانچە قېتىم تۇتۇشقاندىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەسكەر كۈچى ۋە ماددىي كۈچى تېزلا خوراپ تۈگىدى. يېرىم يىلدىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ يوشۇرۇن كۈچنى سەپەرۋەر قىلىشقا كۈچىدى، كۈچىيەلمىگەن تەرەپ مەغلۇب بولدى.
رۇسىيە تاراتقۇسىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ ئۇرۇش قىلىش يوشۇرۇن كۈچىنىڭ قۇدرەتلىكلىكى ئالدى بىلەن جۇڭگونىڭ كەڭرى تېررىتورىيەسىنىڭ جۇڭگوغا غايەت زور ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىك تەمىنلىگەنلىكىدە ئىپادىلىنىدىكەن، جۇڭگودىكى غايەت زور ئەمگەك كۈچى نوپۇسى، مول تەبئىي بايلىق ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەر قانداق شەكىلدىكى خورىتىش ئۇرۇشىغا تىرەك بولالايدىكەن، ھەر قانداق بىر دۆلەت جۇڭگو بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش قىلماقچى بولىدىكەن ھامان مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولىدىكەن، ھازىر جاھاندىكى ئاپتوموبىل، پولات- تۆمۈر، كېمىسازلىق ئاساس قىلىنغان 500 خىل سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ يېرىمىغا يېقىنراق جاھاندىكى بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى جۇڭگودا ئىكەن، جۇڭگودا يەنە جاھاندىكى ئەڭ قۇدرەتلىك سانائەت ئىقتىدارى بار بولۇپ، 2015- يىلىدىكى سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ يىغىندىسىغا تەڭلەشكەن، بۇ ئىشنى رۇسىيە سوۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىمۇ قىلالمىغان.
رۇسىيە تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق قارالدى: نۆۋەتتە جاھاندىكى پاراخوت ياساش تونناژى، سانى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى جۇڭگو، تانكا، برونېۋىك، زەمبىرەك سانى جەھەتتە جاھاندا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنىمۇ جۇڭگو، ئۇنىڭدىن باشقا جۇڭگونىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى، ھەربىي ئىشلار ۋە خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىقلارنىڭ سانى ئامېرىكىدىنلا قالسا جاھاندا 2- ئورۇندا تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ زامانىۋى سانائەت ئىقتىدارى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدىكى نۇرغۇنلىغان قۇدرەتلىك دۆلەتلەردىن ئېشىپ كەتتى. 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا قۇدرەتلىك سەپەرۋەرلىك يوشۇرۇن كۈچىنى قالقان قىلىپ، ھەمدە كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك تەدبىرلىرى ئارقىلىق، ئۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئۇرۇشتا زور تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى، سەپەرۋەرلىك يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. جۇڭگومۇ ئامېرىكىغا تەقلىد قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت كۈچى ئارقىلىق دۈشمەننى بىتچىت قىلسا بولىدۇ.
گەپنى يىغىنچاقلىغاندا، ئۇرۇشقا پۇل كېتىدۇ، دۆلەت كۈچى تىرەك بولىدۇ، ئۇرۇش چىقىمىدىن قارىغاندا، 1- دۇنيا ئۇرۇشىدا 208 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چىقىم بولغان بولسا، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا بىر تىرىليون 17 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چىقىم بولۇپ، بەش ھەسسە كۆپەيگەن. فوسسا ئارىلى ئۇرۇشى ئىككى ئايلا داۋاملاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئەنگلىيە ئىككى مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلغان، ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۇرۇش چىقىمى ئۈچ تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن قارىغاندا، شۇنچە كۆپ ئۇرۇش چىقىمى ئۈچۈن قۇدرەتلىك سەپەرۋەرلىك يوشۇرۇن كۈچى ۋە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارى بولمىسا، ئۇرۇشتا غەلىبە قازىنىشنى قىياس قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. جۇڭگودا جاھاندىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ھۆكۈمەت مالىيەسى ۋە تاشقى پېرېۋوت زاپىسى بار، ئوتتۇرىھال دەرىجىلىك دۆلەتلەر جۇڭگوغا جەڭ ئېلان قىلىشقا جۈرئەت قىلسا يېڭىمەن دېيىشى ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved