دۇنيا بانكىسى يېڭىدىن ئېلان قىلغان« 2014-يىللىق ئايال، تىجارەت، قانۇن» ناملىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى 143 دۆلەت ئىچىدىكى 15 دۆلەتتە ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ خىزمەت قىلىشىنى چەكلىيەلەيدىكەن، بۇ دۆلەتلەر ئاساسلىقى ئىران، سۈرىيە، بولىۋىيە.....قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، گۋىنىئا جۇمھۇرىيتىدە ئاياللار سوتتا يولدىشىنىڭ قارارىغا قارشىلىق بىلدۈرەلەيدىكەن، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن يولدىشىنىڭ قارارىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىيالىشى كېرەك ئىكەن. روسىيەدە ئاياللار يېزا-ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرى، يۈك پويىزى شوپۇرى ۋە ياغاچچى دىگەندەك 456 خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.
دوكلاتتا يەنە، سەئۇدىي ئەرەبىستان، خوندۇراس، سېنېگال قاتارلىق 29 دۆلەتتە ئەرلەرنىڭ ئولتۇراق رايوننى بېكىتىش، پاسپورت ئېلىش ياكى بانكا ھېساباتى ئېچىش دىگەندەك چوڭ ئىشلاردا قارار چىقىرىش ھوقۇقى بولىدىغانلىقىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved