ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى 2-ئىيۇل، تېررورلۇق ھۇجۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردىن ئامېرىكا زېمىنىغا قاراپ ئۇچقان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا بولغان بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىراق، دۆلەت زېمىن مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىن كەلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا بولغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى تەدرىجىي كۈچەيتىدۇ، چۈنكى سۇرىيە ۋە يەمەندىكى بازا تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئايروپىلان ئارقىلىق پارتلىتىش بۇيۇملىرىنى يۆتكىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: يولغا قويۇلىدىغان بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش تەدبىرى ئەڭ يېڭى ئاخباراتقا ئاساسلانغان بولۇپ، تېررورچى تەشكىلاتلار يېڭىچە ئادەتتىكى پارتلىتىش بۇيۇمىنى ياسىغان، بۇ پارتلىتىش بۇيۇمىنى تەكشۈرۈش قىيىنغا توختايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved