خەلق تورى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: ھىندىستان تېلېۋىزىيە ئىستاسىسى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا جۇڭگو-ھىندىستان چېگرىسىدىكى لاداق رايونىدا ئارقا-ئارقىدىن «جۇڭگونىڭ تاجاۋۇز قىلىش» ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بىر قېتىملىقىدا «جۇڭگو ئارمىيىسى ھىندىستان چارۋىچىلىرىنىڭ چېدىرلىرىنى چۇۋۇۋەتكەن»، يەنە بىر قېتىملىقىدا «جۇڭگولۇق چارۋىچىلار چېگرىدىن كىرىپ چېدىر تىككەن».
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ئىككى قېتىملىق ۋەقە كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن كوماندىرلار يىغىنىدا ھەل بولغان، ئەمما يېقىندا ھوقۇقتىن چۈشۈپ ئۆكتىچى پارتىيە بولۇپ قالغان كونگرېس پارتىيىسى مودى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەدە سۈكۈتتە تۇرغانلىقىدىن قاتتىق نارازى بولغان، مودىنىڭ «مۇسكول دىپلوماتىيىسى» دىن گۇمانلانغان.
ھىندىستان IBN خەۋەر تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋەر قىلىپ:«جۇڭگو لاداققا يەنە تاجاۋۇز قىلدى، ھىندىستان ئۆكتىچىلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مودىغا ھۇجۇم قىلدى» دېدى، خەۋەردە دېيىلىشىچە، 25-ئىيۇل جۇڭگو ئارمىيىسى لاداق رايونىدىكى ھىندىستان چارۋىچىلىرىنىڭ چېدىرلىرىنى بۇزۇۋەتكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ چېدىرىنى تىكىشكە ئۇرۇنغان.
7-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭگولۇق چارۋىچىلار ئوخشاش بىر رايوندا چېدىر تىككەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھىندىستان بىر چارلاش ئەترىتىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن، كېيىن جۇڭگونىڭ كىچىك بىر تارماق ئەترىتىمۇ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن، ئىككى تەرەپنىڭ كوماندىرلىرى يىغىن ئاچقاندىن كېيىن جۇڭگولۇق چارۋىچىلار چېكىنىپ كەتكەن.
ھىندىستان ئۆكتىچى پارتىيىسى كونگرېس پارتىيىسى بۇ ئىشنى قويۇپ بەرمىدى. بۇ پارتىيەنىڭ رەھبىرى
دېيىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت چىققاندىن بۇيان جۇڭگو كۆپ قېتىم ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلغان. بۇ پارتىيە مودى ھۆكۈمىتىدىن جۇڭگو ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، بۇ ئىشقا ئېتىراز بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق، ھىندىستان ئاسىيا ئاخبارات ئاگېنتلىقى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى دېيىشىچە، لاداق رايونىدا بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن، چۈنكى ئىككى دۆلەت ئارمىيىسى بۇ رايوندا ھەرقانداق ئەسلىھە قۇرۇشقا قارىتا ناھايىتى ھوشيار تۇرىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved