جۇڭگو كىلىمات تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئېلىمىزىنىڭ كۆپىنچە جايلىرىدا ھاۋا ئۇدا ئىسسىشقا باشلىدى نۇرغۇن جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ياز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقتى .بېيجىڭ خېبىي قاتارلىق جايلار يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قىزىل ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقاردى .
بۈگۈن بېيجىڭنىڭ جەنۇبىدىكى رەسەتخانىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 40.2سېلسىيە گرادۇسقا چىقتى ، تيەنجىننىڭ تېمپېراتۇرىسى 38.7سېلسىيە گرادۇسقا ، شى جىياجۇاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى 42 گرادۇسقا يەتتى ،بىلىشىمىزچە ئىسسىق ھاۋا ۋە كۈچلۈك كۈن نۇرىنىڭ تەسىرىدە بۈگۈن ئەتە ئىچىدە بېيجىڭ قاتارلىق رايونلاردا تېمپېراتۇرا داۋاملىق يۇقىرى بولىدىكەن .
يۇقىرى تېمپېراتۇرا كىشىلەرنى ئارامسىزلاندۇرۇپ قويغاندىن سىرىت بەزى پىكاپ موتسىكلىت كۈن نۇرىدا ئۇزاق تۇرغاچقا ئۆزلىكىدىن .ئوت ئالدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى . يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن جايلار ئىشلەش خىزمەت ۋاقتىنى تەڭشىدى .
مۇتەخەسسىسلەر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى ئىچىملىكلەرنى كۆپرەك ئىچىشىنى ،شوپۇرلارنىڭ چارچاپ كەتكەندە ماشىنا ھەيدىمەسلىكنى تەۋسىيە قىلدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved