قىزچاقنىڭ ئاددىي ھەرىكىتى بىر كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى

       asey Fischer بولسا ناھايىتى ئاددىي بولغان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، لېكىن ئۇنىڭ قىلغان ئىشى ھەقىقەتەن ئادەتتتىكىچە ئەمەس. بىر كۈنى ئۇ بۇرۇنقىدەكلا بىر تاتلىق تۈرۈم دۇكىنىغا بېرىپ نەرسە سېتىۋالغان، بۇ چاغدا بىر كىشىنىڭ دۇكاننىڭ سىرتىدا بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتىپ، بىر تەرەپتىن پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.

       ئۇ قاراپ تۇرسا ھېلىقى كىشى دۇكانغا كىرىپ، تاپقان پۇللىرىنى ساناپ بېقىپ نەرسە سېتىۋالماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىز ئولتۇرالماي قالغان ۋە بېرىپ ئۇ كىشى بىلەن پاراڭلاشماقچى بولغان. لېكىن بۇ كىشى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشنى خالىمىغان. ئەقىللىق قىز ئۇنىڭ نەرسە ئېلىشقا پۇلى يەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قەھۋە ۋە بولكا ئېلىپ بېرىپ پاراڭلىشىشقا تەكلىپ قىلغان.

      شۇنىڭ بىلەن، بۇ كىشى ئۆزىنىڭ ماكانسىز بولغاچقا ھەمىشە باشقىلارنىڭ ناچار مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە زەھەرلىك چېكىملىك ئۇنى ئۆزۈمۇ يامان كۆرىدىغان بىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ كىشىنىڭ ئاپىسى راك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئاپىسى پەخىرلەنگۈدەك بىر ئادەم بولۇش ئارزۇسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ كىشىنىڭ ئىسمى كرىس بولۇپ، قىزچاق ئۇنىڭدەك سەمىمىي، راستچىل كىشىنى ئۇچرىتىپ باقمىغانكەن.

      ئۇلار نەچچە سائەت پاراڭلاشقان بولۇپ، ئاخىرى قىز ئۆزىنىڭ دەرسكە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكە ئالغان. ئۇ كرىس بىلەن خوشلىشىپ ماڭىدىغان چاغدا، كرىس ئۇنى توختاتقان ۋە بىر قەغەزگە بىر نەرسىلەرنى يېزىپ قىزغا بەرگەن ۋە ئۆزىنىڭ خېتىنىڭ سەتلىكىنى ئېيتىپ كەچۈرۈپ سورىغان.

      بۇ قەغەزگە مۇنداق دەپ يېزىلغانىدى: «ئەسلىدە مەن بۈگۈن ئۆلۈۋالماقچى ئىدىم. سىز بولغاچقا مەن ھايات قالدىم. رەھمەت سىزگە، ئاقكۆڭۈل كىشى».

      ئۇ بۇ ئىشنى فېيىسبۇكقا چىقارغان ھەمدە نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئۇنى ماختاپ، بۇ دۇنيانىڭ ناھايىتى كۆپلىگەن بۇ قىزدەك كىشىلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

        بۇنداق ھېكايىلەر كىشىگە ھەقىقەتەن ئىلھام بېرىدۇ، بەلكىم بۇ قىز كرىسقا نەرسە ئېلىپ بەرگەندە، بۇنى بىر كىچىككىنە ئىش دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ قىزچاقنىڭ تۈرتكىسىدە كرىسنىڭ ھاياتىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولغان.



خەتكۈچلەر:
16-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-04-2016
    2016-يىلى 26-ئاپرېل خەۋىرى (كونكرېت سۈرەتكە تارتىلغان ۋاقىت ئېنىق ئەمەس). بۇ بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەر، دۇبەينىڭ قويۇق تۇمان بىلەن قاپلانغان ئاسمىنىنى نامايان قىلغان. چىراغ نۇرى بىلەن يورۇپ كەتكەن ئۇپۇق سىزىقىدىن تارتىپ، بۇ...
24-04-2016
    يېڭى «تۈرمىدىن قېچىش» نى سۈرەتكە ئېلىش خىزمەتلىرى بۇ ئاينىڭ 10-كۈنى كانادا باشلاندى. ئىگەللىنىشىچە ھازىر بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئىككى قىسىم سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان. بۇ يېڭى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى: لى...
24-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 23-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 1-قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى. ب د ت مائارىپ، پەن-تېخنىكا مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىجراچىسى ئىرىنا بوكوۋا (Irin...
07-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىتالىيەلىك بىر ئەر «ئۆي ئىشى قىلمىغانلىق» سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ ئايالىنى سوتقا ئەرز قىلغان. ئەگەر ئايالنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6 يىللىق قاماق جازاسىغا...
07-02-2016
         ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي يورك ۋىلايىتىدىكى خۇددېرسفيېلد ۋوگزالىدا بىر داڭلىق «چارلىغۇچى مۈشۈك» بار بولۇپ، بەش يىلدىن بېرى ئۇ ئىزچىل ھالدا...
06-02-2016
      كىشىلەر ھازىر ئاللىقاچان ئۆز تارتىم سۈرەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە كۆنۈپ كەتتى. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشقا قارىتا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس، لېكىن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغىنى ئۆزىنى سۈرەتك...
06-02-2016
      تاراتقۇلارنىڭ رۇسىيە لىۋادا خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجە دوكلاتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشىچە، %72 رۇسىيەلىك جۇڭگوغا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىكەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 25-...
06-02-2016
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ ئىستىرېئولوق ئاپپارات يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى مىكرو ئاپپارات سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
06-02-2016
     قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دەرىغە نۇر سۇلتان قىزى نەزەربەيىۋا 5- فېۋرال، جۇڭگو ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلماقتا، قازاقىستانلىقلار خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك ، بۇ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردىمى بولىدۇ دې...
06-02-2016
            تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
Powered by Leglek