ئىراق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى بىر قانچە خىل زەنجىرىسىمان ئىنكاسلار

مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنى كىچىكىپ كەلگەن ئامېرىكا ئارمىيەسى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ياردىمىدە ئىراقتىكى تىرۇرلۇققا قارشى تۇرۇش قىسمى ۋە كۇرد قۇراللىق كۈچلىرى غايەت زور ئىستراتىگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇسۇل توغىنىنى قايتۇرۋېلىپ، ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنى تەشكىلاتىنى تۇنجى قېتىم بىر قەدەر چوڭ دائىرىدە مەغلۇپ قىلدى. بۇنى خەلقئارا جامائەت پىكىرى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، چۈنكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى پۇقرالارنى قەبىھ ئۆلتۇرۇپ، ئۇ يەرلەرنى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرزىسىگە دۇچار قىلغانىدى.

 


ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ چەكلىك ئارلىشىشىغا قارىتا، ھاۋا ھۇجۇمى ئەڭ كۈچ تېجەيدىغان ئۇسۇل بولۇپ، يۈزەكى جەھەتتە كىشىلەرگە بەلگىلىك ئۈنۈم كۆرسىتەلىدى، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇ پەيدا قىلغان بىر يۈرۈش زەنجىرىسمان ئىنكاسلار ئىراقنى تېخىمۇ گەۋدىلىك خەتەرگە دۇچار قىلىدۇ.

 


1-گەرچە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەۋرىنىپ قالمىدى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ شۇ يەردىكى تەسىرى تېخىمۇ كېڭىيىشى مۇمكىن. شۇنداق دېيىشكە بولدۇكى، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىدەك بازا تەشكىلاتى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان يېڭىچە تىررورلۇق تەشكىلاتقا زەربە بېرىشتە چەكلىك بولغان بىر قانچە قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىغا تايىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ.

ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى توردىن ئىبارەت يېڭىچە ئىجتىمائىي ئالاقە قۇرالىدىن پايدىلىنىپ، «ئەسكەر قوبۇل قىلدى»، ئۇنىڭ كونسىنى شاللىۋېىتىپ، يېڭىسىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك. تەشكللىنىشى مۇستەھكەم، دىن نامى بىلەن رەھبەرلىك قىلىدۇ ، قۇراللىنىشى بىن لادىننىڭكىدەك پىتىراپ كەتكەن ئەسكەرلەر بولماستىن بەلكى مۇنتىزىم ئەسكەرلەر. ئۇلار نېفىتلىك قاتارلىق زور بايلىقلارنى ئىگىلىگەن، غايەت زور كىرىمى، مۇقىم زىمىنى بار، ھەتتا دۆلەت قۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش پىروگراممىسىمۇ بار. شۇڭلاشقا تېرروزىمغا يېقىنلاشقان «دۆلەت» ئەمەلىي گەۋدىسىگە تاقابىل تۇرۇشتا تېخىمۇ ئۇزاق ۋە ئۇنىۋېرسال تاكتىكا قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.


ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىستراتىگىيەسى بۇنداق ئەمەس. يېقىندا ئامېرىكىلىق بىر مۇخىبىرنىڭ كاللىسى ئىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ۋىدىيو توردا تارقىتىلدى، ئەمما ئوباما بۇ ۋەقەگە بىۋاستە ھەربى ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ۋاز كەچتى.

 

بىر ئامېرىكىلىق ئەمەلدار مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ھەربىي نىشانى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش بولماستىن بەلكى ئامېرىكىلىقلار ۋە ئەسلىھەلەرنى قوغداش. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشى پاتقىغا پىتىپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن، قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەتكە ئەھمىيەت بېرىشلا ئاقساراينىڭ ئىستراتىگىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.

 

 

2- بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئىراقلىقلارغا ئېلىپ كەلگەن ئەندىشىسىنىڭ بىرى بولسا كۇردلار مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مۇستەقىللىق مەسىلىسى توغرىسىدا ئىزدىنەمدۇ-يوق. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىراقتىكى كۇرد قۇراللىق كۈچلىرى داۋاملىق كۈچەيدى. 20-ئاۋغۇست گىرمانىيە «ئەينەك ژورنىلى» خەۋەر بېرىپ، گېرمانىيە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇردلارنى قۇرال بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى كېلەر ھەپتە قارار چىقىرىدۇ ھەمدە نەتىجىنى فىدراتسىيە پارلامىنتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۈنىدۇ، دېدى.


ئىراقتىكى ئۆتكەن ئىككى ئايدا كۆرۈلگەن قالايمىقانچىلىق كۇردلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيانقى مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇ بەلكىم نەچچە ئەۋلاد كۇردلار كۈتىۋاتقان بىر قېتىملىق ئۈمىد بولۇشى مۇمكىن. غەرب دۆلەتلىرى تەمىنلىگەن قۇراللىق ياردەم شۈھبىسىزكى ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە داۋاملىق ياردەم بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر كۇردلارنىڭ ئارزۇسى ئىشقا ئېشىپ قالسا، پۇتكۇل ئوتتۇرا شەرق رايونى قالايمىقانلىشىشى مۇمكىن. چۈنكى تۈركىيە، سۇرىيە، ئىراندا كۇردلار بار، ئۇلارمۇ مۇستەقىل بولۇشنى ئويلايدۇ، بەلكىم ھەر قانداق بىر مۇمكىن بولىدىغان «ئۈلگىلەرنى» دورىشى مۇمكىن ھەمدە شۇ دۆلەتلەرگە زور ئاۋارىچىلىق كەلتۈرۈشى مۇمكىن. بۇمۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن ئىراقلىقلار چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

 


3- ئىراق ھۆكۈمىتى سىياسىي كىرزىسقا پېتىپ قالدى، ئىچكى قىسمدا ئۇيۇشۇش كەمچىل بولغانلىقتىن، مەزھەپلەر زىددىيىتى بەلكىم يەنىمۇ كەسكىنلىشىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراقنىڭ يېڭى زۇڭلىسى ئابادىنى سابىق زۇڭلى مالىك بۇنىڭدىن ئاۋال سىناق قىلىپ ئۈنۈمى بولمىغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا دەۋەت قىلماقتا. ئوباما مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئەگەر مۇشۇنداق ئىراق بىرلەشمە ھۆكۈمىتى تېزدىن قۇرۇپ چىقىلسا، ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەممىسى ياردەم بېرىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە ئىراقنىڭ يېڭى زۇڭلىسىنىڭ تەختكە چېقىشىدىن نۇرغۇن كىشىلەر زور ئۈمىدلەرنى كۆرگىنى يوق. بۇنىڭ سەۋەبى- مالىكنىڭ تەختتىن چۈشۈشى ئىراقنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىغا تايىنىدىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

 


ئىراق دۇچ كىلىۋاتقان كىرىزس- ئامېرىكا زورمىگەرلىكىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئوتتۇرا شەرققە تەسىر كۆرسەتكەندىن كېيىن شەكىللەنگەن يامان ئاقىۋەت. ئەگەر ئامېرىكا شۇ يەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈستىدە ئىزدىنىشتەك ئىستراتىگىيەلىك تەپەككۇردىن ۋاز كەچمەيدىكەن، ئىراقتىكى قالايمىقانچىلىق يەنىلا داۋاملىشىدۇ. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى كەلتۇرۇپ چىقارغان بۇ كىرىزىس ئامېرىكىلىقلارنىڭ كونتىرۇللىقىدىكى دائىرىدىن تەدىرىجىي ھالقىپ، تېخىمۇ خەتەرلىك يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا.



خەتكۈچلەر:
01-09-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    تەيۋەن بىرلەشمە ئاخبارات تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيەنى ياۋرپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇپ قېلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەنگىلىيە ئەلرايى تەكشۈرۈش ئورگەنلىرىنىڭ ...
27-04-2016
   چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا يېڭى ئەسكەرتىش چىقىرىپ: ئىشەنچىلىك بىشارەتلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، تۈركىيە ساياھەت رايونلىرى تېررور...
27-04-2016
   ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى فىرانسىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ 6- قانىلىدا بۇلتۇر 11-ئايدا پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق دېلوسىدىكى بىر نەپەر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى قوزغىغۇچىنىڭ بومبىن...
27-04-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نوكىيا ئالاقە تورى ساغلاملىق ئىنقىلابىدىكى ئاۋانگارت ۋە ئالدىدا ماڭغۇچى Withings نى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 170 مىليون ياۋرو (تەخمىنەن 190 مىليون ...
27-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 26-ئاپرېل، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرى بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، خەلق ئاممىسى يارىلانغۇچىلارنى قۇتقۇزدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 12 ئادەم قازا قىلغان.
27-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، 16 ياشلىق قىز ساۋاقدىشى بىلەن «يىگىت تالىشىپ» مەكتەپداشلىرىنىڭ قورشاۋىدا قالغان، ئاخىرىدا ھاجەتخانىدا كۆپ ئادەمدىن تاياق يەپ جېنىدىن ئايرىلغان. ...
27-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، بىرازىلىيەدە 53 ياشلىق يۈك ماشىنىسى شوپۇرى 10 ياشلىق قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىپ ھامىلدار قىلىپ قويغانلىقتىن قولغا ئېلىندى، ئۇ قولغا ئېلىنىپ تۈرم...
27-04-2016
 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋىرى: 2015-يىلى 11-ئايدا فىرانسىيە پارىژدا يۈز بەرگەن زەنجىرسىمان تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 130 ئادەم قازا قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانى لەرزىگە كەلتۈرگەنىدى. فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى تۇنجى قېتىم ۋېدىئو...
27-04-2016
    تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان 26-ئاپرېل ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە خەلقئارا تېررورىزىمغا قاتتىق زەربە بېرىدىكەن ھەمدە دەرۋازىسىنى داۋاملىق ئېچىۋېتىپ سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىدىكەن. ئەردو...
27-04-2016
     ئوباما : پۇتىن ياۋروپادىكى ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى...... پۇتىندەك بۇنداق ئادەملەر ياۋروپادىكى كىچىككىنە مەسىلىدىن پايدىلىنىپ ياۋروپانى پارچىلىماقچى بولىۋاتىدۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 25- ئاپرېل پۇتىنن...
Powered by Leglek